سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيلەرگە 16-قېتىم چەك تارتىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-04

1986 ئائىلە چەك تارتىشقا قاتناشتى

    چەك تارتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيلەرگە 1-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا چەك تارتىلدى، كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىشقا شارائىتى ماس كېلىدىغان 1986 ئائىلە چەك تارتىشقا قاتناشتى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم چەك تارتىشقا قاتناشقانلار 2017-يىلى 24-نويابىردىن بۇرۇن كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيگە ئىلتىماس قىلغانلار ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي كاپالىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئاھالىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ماس كېلىدىغان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە 228، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ماس كېلىدىغان ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە 938، ئەرزان قولايلىق ئۆيگە ماس كېلىدىغان ئائىلە 775 ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367998901