سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-04

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 1- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- دېكابىر تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈي ۋېنيى،شۈ كې) ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 1- كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، پارتىيەلەرنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر بۇرچىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچ- ئامانلىقى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغىچە بولغان تەرەققىيات ئۇلۇغ لايىھەسىنى پىلانلاپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغان سەمىمىي ئارزۇسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. پارتىيە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. يىل ئاخىرى بولغاندا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 300گە يېقىن پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىنىڭ بېيجىڭدا جەم بولۇپ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىشى كۆپچىلىكنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىدىكى باغلىنىش مىسلىسىز بولماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن دۇنياۋى مەسىلىلەرمۇ مىسلىسىز دەرىجىگە يەتتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىرى بارغانسېرى زىچ باغلاندى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەشەببۇس قىلىشىم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈندۇر. تۆت يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان غايەت زور ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ قالدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز تىرىشىپ ئەندىشىدىن خالىي، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل- ھەققانىي، ئورتاق بەرپا قىلىپ ھەمبەھرە بولىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز؛ تىرىشىپ نامراتلىقتىن خالىي، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھەممىمىز ياخشى بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىسى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ھەممە كىشىنى باياشاتلىق، ئامانلىق ۋە ساغلاملىقتىن بەھرىمەن قىلىشىمىز؛ تىرىشىپ بېكىنمىچىلىكتىن خالىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، دۇنيا مەزمۇنغا باي ۋە خىلمۇخىل بولۇش، مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل مەدەنىيەتنى ئىناق، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشىمىز؛ تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت تەڭ مەۋجۇت بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يۇرت- ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولماقتا، تەرەققىيات ئەندىزىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولماقتا. ھەرقايسى پارتىيەلەر دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەت، مىللەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى پارتىيەلەر ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىدا ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا پارتىيەلەر ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش تورى قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. بىزنىڭ ئۆز ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قوشقان تۆھپىدۇر. بىز يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز. بىز چەت ئەلنىڭ ئەندىزىسىنى «ئىمپورت» قىلمايمىز، شۇنداقلا جۇڭگو ئەندىزىسىنىمۇ «ئېكسپورت» قىلمايمىز، باشقا دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى «تەھلىد قىلىش»نى تەلەپ قىلمايمىز.

    بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن- ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، دۇنيا بويىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋەت قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. جۇڭگو دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو مەيلى تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچىلاردىن، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچىلاردىن، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

    ئىككىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن خەلققە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت باغلىغان بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئۈچۈنمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، 2020- يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ، 2035- يىلىغا بارغاندا جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا جۇڭگو باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ جۇڭگو خەلقىگە، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

    ئۈچىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن تارتىپلا دۇنياۋى نەزەر تىكلەشنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ياراتقان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئاكتىپ ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ھەم جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەتبىقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىگە ئېچىۋېتىش نەزەرى، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئەلئارا دوستلۇقىنى قوللايدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىدىن 15 مىڭ خادىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىنى مېخانىزملاشتۇرۇپ، ئۇنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يۇقىرى قاتلامنىڭ سىياسىي سۆزلىشىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن بېرىپ- كېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر- بىرىگە بولغان ئستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.

    باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ چەت ئەللىك ئاساسلىق ئەزىز مېھمانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنى 1- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى خان سېن، بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى، رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى باش كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ژېزينىئاك، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىدىن سىكىئانتونىي پاركېر، ئېفىئوپىيە خەلق ئىنقىلابى دېموكراتىيە فىرونتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دېمېكې قاتارلىقلار ئومۇمىي يىغىندا ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا دائىر تەشەببۇسىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىللە، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋە 1- ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.

    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش: سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، سۆزلىشىش يىغىنىغا 120 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 300 گە يېقىن پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىدىن بولۇپ، 600 نەچچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ۋەكىل قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367997021