سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ 4 –نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-04

    4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىم بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن!

    ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى بىخ ئۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە نۇرغۇن يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بىزنىڭ ‹‹تۆت پىرىنسىپ››، ‹‹بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس›› نى تەشەببۇس قىلىشىمىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش، باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

    ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇش، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېز پويىزىغا تەڭ ئولتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇكى، ھەرگىز يېپىلمايدۇ.

    بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ‹‹رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش››نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى بېيجىڭ

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367992911