سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەنزۇ تىلى تايلاندتىكى ئىككىنچى چوڭ چەت ئەل تىلى بولۇپ قالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-29

    «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تايلاندتا «خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى» ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. 18-نويابىر، تايلاند كخون كائېن ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى ئېلىنغان بولۇپ، 5012 ئوقۇغۇچى بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان.

    سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 23-نويابىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئىقتىدار ىنى سىناش ئۆلچەملىك ئىمتىھانى بولسا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتىكى خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىنايدىغان بولۇپ، ئىنستىتۇتتىكى مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ زورىيىشى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىنىڭ ئەڭ كىچىكى تۆت ياش ئىكەن.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، كخون كائېن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367853061