سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دىسنېي شىركىتى پېيى بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-29

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: دىسنېي شىركىتى شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 27-نويابىر نيۇيورك ئاكسىيە بىرژىسىدا پېيى بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، دىسنېي شىركىتىنىڭ باش لېدىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روبېرت ئاگېر نيۇيورك ئاكسىيە، سودا بىرژىسسىدا تىجارەت باشلاش قوڭغۇرىقىنى چالدى.

    دىسنېي شىركىتى دۇنيا تاماشا، كىنو - تېلېۋىزىيە، باغچە ساھەسىنىڭ باشلامچىسى، ئەڭ داڭدار شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىنو، كارتون فىلىم، ئاساسىي تېما باغچىسى قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. «چاشقان مىكىي»، «ئۆردەك دونالد»، «ئاپئاق قار مەلىكە»، «شىر پادىشاھ»، «كارىب دېڭىز قاراقچىسى» قاتارلىق ئۆلمەس ئوبرازلار ۋە فىلىملەر كىشىلەرگە تولىمۇ تونۇشلۇق. ئۇنىڭدىن باشقا دىسنېي شادلىق باغچىسى نامىدا ئېچىلغان شادلىق باغچىلىرى توكيو، پارىژ، شياڭگاڭ ۋە شاڭخەيدە تەرەققىي قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاساسىي تېما باغچىلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367853041