سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-29

    شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاش كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ساياھەتچىلىك سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىدىغان خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە ئىستىلىنى نامايان قىلدى. ساياھەتچىلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپ بولۇپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى تۇتقانغا ئوخشاش، تۈرلۈك يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھاجەتخانا مەسىلىسى كىچىك ئىش ئەمەس، ئۇ شەھەر، يېزا مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولۇپ، بۇ خىزمەتنى مەنزىرە رايونى، شەھەرلەردىلا چىڭ تۇتۇپ قالماي، يەنە يېزىلاردىمۇ چىڭ تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاش كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 – يىلى 4 – ئايدا ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى تۇتۇش ساياھەتچىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، دەپ تەكىتلىگەن. قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس. ‹‹تۆت خاھىش›› قا قارشى تۇرغانغا ئوخشاش، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ساياھەتچىلىكتىكى مەدەنىي بولمىغان ھەر خىل جاھىل، ناچار ئادەتلەرنى تۈزەش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلارنى كەينى – كەينىدىن تۇتۇپ ئىشلەپ، بىرمۇبىر نەتىجە يارىتىپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈش كېرەك.

    ھاجەتخانا مەسىلىسى ساياھەت مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە، دېھقانلاردىن ئىشلىتىۋاتقىنى سۇلۇق ھاجەتخانىمۇ، سۇسىز ھاجەتخانىمۇ، دەپ دائىم سوراپ تۇردى، كەنت قىياپىتىنى تەكشۈرگەندىمۇ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئۇ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى قوزغاپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ پاكىز ھاجەتخانا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    2015 – يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ يىللىق ساياھەت رايونلىرى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. بۇ ھەرىكەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەتتىكى ساياھەت سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› نى ئۇل قۇرۇلۇش، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› دا كۈرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە 68 مىڭ ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى يېڭىدىن سېلىنىپ ۋە ئۆزگەرتىپ سېلىنىپ، نىشان ۋەزىپە %19.3 ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى. ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى›› مەنزىرە رايونلىرىدىن پۈتۈن رايونلارغا، شەھەرلەردىن يېزىلارغا، سانىنى ئاشۇرۇشتىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكىچە قەدەممۇقەدەم كېڭىيىپ، ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367848021