سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەلقئارادا تەييار ماي باھاسى ئۆستى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-27

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى شۇ كۈنى تارقاتقان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سودا خام نېفىت ئامبار زاپىسى تۆۋەنلەپ 1مىليون 900 مىڭ توننا بولغان، بۇ بازار مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى ئامېرىكا دوللىرى بۇرۇنقىدىن بوشلاپ دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان نېفىتقا مەبلەغ سېلىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشقان. كۆپ خىل ئامىللار خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.

    شۇ كۈنلۈك ئاخىرقى باھادا، نيۇيورك تاۋار سودىسى 2018-يىلى يانۋاردا تاپشۇرغان يېنىك تىپلىق خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى 1.19 دوللار ئۆسكەن، ھەربىر تۇڭى 58.02 دوللار بىلەن يىغىۋېلىنىپ، ئۆسۈش نىسبىتى %2.09 بولغان. 2018-يىلى يانۋاردا تاپشۇرۇلغان لوندون شەھىرى لېنت نېفىت قەرەللىك مال باھاسى 0.75 دوللار ئۆسۈپ، ھەربىر تۇڭى 63.32 دوللار بىلەن يىغىۋېلىنىپ، ئېشىش نىسبىتى %1.20 بولغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367826731