سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى لياۋنىڭ شېنبۇ كوماندىسىنى يەڭدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-23

    22-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-پەسىللىك جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسىدا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شېنبۇ شىنشىن كوماندىسىنى 81 گە قارشى 97 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

    يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىر مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن ئۆز مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، بۇ نەتىجە ئانچە ياخشىمۇ ئەمەس ئىدى.

    22 -نويابىر سائەت 20:00 دە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شېنبۇ شىنشىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى ھەمدە مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، 25-نويابىر، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە 2-بولغان كوماندا 1-ئاۋغۇست ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367745561