سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىز ئىشچىلىرى ئۇگاندانىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشماقتا

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-22

    ئېلىمىز ئىشچىسى بىلەن ئۇگاندالىق ئىشچى 17-نويابىر ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ئورنىدا ئىشلىمەكتە.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: كەچكۈز، ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالاغا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ئورنىدا جۇڭگو ۋە ئۇگاندالىق ئىشچىلار جاپالىق ئىشلەۋاتاتتى. ئۇگاندادىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھېسابلىنىدىغان كامپالادىن ئېنتېببې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى مۇھىم باسقۇچقا كىرگەنىدى. جۇڭگو- ئۇگاندا ئىككى دۆلەت دوستلىقى، ھەمكارلىقىغا سىموۋل قىلىنغان بۇ قۇرۇلۇشقا ئېلىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ قان-تەرى، ئەقىل-پاراسىتى سىڭگەن بولۇپ، ئېلىمىز ئىشچىلىرىنىڭ ئۇگاندانىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان تۆھپىسى ئۇگاندالىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكتە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367716171