سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەيئېر شىركىتى ھىندىستان سانائەت باغچىسىدا ئىش باشلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-20

    ئىشچىلار 16-نويابىر خەيئېر شىركىىتىنىڭ ھىندىستان پۇنا سانائەت باغچىسىدىكى زاۋۇت بىناسىدا ئىشلىمەكتە.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو خەيئېر شىركىتىنىڭ ھىندىستان ماخاراشترا ئىشتاتى پۇنا شەھىرىگە جايلاشقان سانائەت باغچىسى 16-نويابىر كېڭەيتىپ قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرىدىن ھىندىستاندا ئىشقا كىرىشكەن تۇنجى سانائەت باغچىسىدۇر.

    ئىگىلىنىشىچە، يېڭى زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر سايمانلىرى ھىندىستاندىكى يەرلىك ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا قاتارلىق رايونلارغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367606411