سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ئىلى ئوبلاستىدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ھەقسىز بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14

    مۇخبىرنىڭ 13-نويابىر ئىلى ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مائارىپقا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا بىرلەشمە ھۆججەت چۈشۈرگەن. بۇ ئىلى ئوبلاستىدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ھەقسىز قىلىشتىن ئىبارەت ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار، يەنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، پۈتۈن كۈنلۈك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇش تارىخى مائارىپى يولغا قويۇلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367518301