سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13

    شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

    ئاپتونوم رايون 11- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «13- بەش يىل»دىن بۇيانقى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بايلىق» دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشى كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەتنىڭ «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ، بېسىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ ئىككىنچى يىلى. «13- بەش يىل»دىن بۇيان، جايلار، تارماقلار سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇردى ھەم باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ئاپتونوم رايون بۇلغىنىشنى ئازايتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ مۇھىتى سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى، لېكىن، بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، ئۆزگەرتىپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: سۇ − ھاياتلىق مەنبەسى، ئېكولوگىيەنىڭ ئاساسى. شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، ھاۋاسى قۇرغاق، سۈيى كەمچىل، ئېكولوگىيەسى ئاجىز، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتى زور، ۋەزىپىسى ئېغىر. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي پوزىتسىيە، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك سۇ بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھەمتۈرتكىلىكى كۈچلۈك، جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان بۇ خىزمەتنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىللەپ باشقۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىق، يۇقىرى بېسىم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارغا رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىش كېرەك. باھالاشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمىگەنلەر، ئۆزگەرتىشكە كۈچىمىگەنلەر، باھالاشتىن ئۆتەلمىگەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قەتئىي بولدى قىلماسلىق كېرەك.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367488061