سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018- يىللىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018- يىللىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىن يىغىنى ئېچىپ، 2018- يىللىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىن جايلار ۋە تارماقلارنىڭ گېزىت- ژۇرنال تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆلچەملەشتۈرۈشنى، تىراژىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىرقىدەك مۇشۇنداق مۇھىم مەزگىلدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك؛ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، دەپ قاراپ، چوقۇم چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇل بولۇپ مۇشتەرى قوبۇل قىلىدىغان نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرى «خەل گېزىتى»، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ گېزىتى»، «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە گېزىتلىرىدىن ئىبارەت، «نۇر گېزىتى»، «ئىقتىساد گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»گە مۇشتەرى توپلاشتا يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. «جۇڭگو گېزىتى»نىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئورۇنلار ۋە جايلاردىكى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. «بىڭتۈەن گېزىتى»گە يەرلىكنىڭ پائال مۇشتەرى بولۇشىنى ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرى باشقۇرۇۋاتقان گېزىت- ژۇرناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تۈرلۈك گېزىت- ژۇرناللارنى پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنىڭ مۇشتەرى قوبۇل قىلىش دائىرىسى ۋە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ھۆججىتىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىنجاڭ تارماق شىركىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار 2018- يىللىق مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، گېزىت- ژۇرنال تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «شىنجاڭ گېزىتى»، «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى تەھرىراتى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى- ژۇرناللىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

    

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367488011