سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13

    ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلەنگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى

    (2017- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، داناڭ)

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    رەئىس ۋۇ جىنلۇ ئەپەندىم، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

    كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! داناڭغا كېلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

    ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ بۆلەك، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق موتور. سودا- سانائەت ساھەسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردۇر. بۇ بىر قانچە يىلدا ھەر قېتىم ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقىنىمدا، ۋاقىت ئاجرىتىپ سودا- سانائەت ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندۇق.

    خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەن ئون يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەدرىجىي جانلىنىش يولىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر بىز دۇنيا ئىقتىسادىدا تەدرىجىي ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى كۈتۈۋالدۇق. خەۋپ- خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىققا يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن دۇنيا سودىسى ۋە سېلىنمىسى ئەسلىگە كەلدى، پۇل مۇئامىلە بازىرى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    تەرەققىيات يولىدا ئاخىرقى نۇقتا يوق، پەقەت يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. «ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات، كەلگۈسىدىكىنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك». دۇنيا تېز ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۆزىتىپ، يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە جەسۇرلۇق ۋە كەسكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

    − بىز ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ھازىر ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىرىسنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش يۆنىلىشىگە ئايلاندى. قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىشنىڭ ھەرقايسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابىي ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈستى- ئۈستىلەپ بارلىققا كېلىپ، يېڭى ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز توپلاندى.

    − بىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات شەكلىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تەرەققىياتنىڭ مەزمۇنىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ئىنتىلىدىغان نىشان بولدى. 2030- يىلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

    − بىز ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، چېكىندۈرگىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئالدىدا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە يېڭى تەڭشەشكە دۇچ كەلدى، قاراشتا ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۆنىلىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، تەڭپۇڭ بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈم جەھەتتە ئادىل ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    − بىز دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنىڭ مۇقەررەر يۆنىلىشى.

    خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

    دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى ئالدىدا، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىدا دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭامدۇ ياكى ئارىسالدى بولۇپ ئايلىنىپ يۈرەمدۇ؟ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەمدۇ ياكى خىرىس ئالدىدا ئىككىلىنىپ جىم تۇرامدۇ؟ رايونلار ھەمكارلىقىدا قول تۇتۇشۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتامدۇ ياكى ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەمدۇ؟

    جاۋاب ئىنتايىن ئېنىق، بىز چوقۇم ئومۇمىي ۋەزىيەتكە بويسۇنۇشىمىز، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بىز باراۋەر كېڭىشىدىغان، كەڭ قاتنىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشىدىغان رايون ھەمكارلىقى رامكىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئوچۇق بولغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە، ئوخشىمىغان قاتلاملارغا، ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. بىز دۇنيا كەسىپ ئىش تەقسىماتىنى تەڭشەشنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ قىممەت زەنجىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا تەشكىللەشكە پائال يېتەكلەپ، يېڭى ئورۇننى بەلگىلەپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىشىمىز كېرەك. بىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللىشىمىز، ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ خەلقئارا سودا ۋە سېلىنمىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

    ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ چىقىش ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى سودا- سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇسى. 2006- يىلى سودا- سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇراجىتى بىلەن، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ رەھبەرلىرى خانويدا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تۇنجى قېتىم كەلگۈسى نىشان قىلىپ بېكىتتى. 2014- يىلى بىز بېيجىڭدا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. بىز ھەرىكەتكە كېلىپ، بېيجىڭ يول خەرىتىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئاتلىنىپ، ئوچۇق ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنى مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق پىلانلاپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىشىمىز كېرەك. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى مۇقىملاشتى، بۇنىڭدا دەۋرىلىك ئامىللار ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى، ئىچكى جانلىق ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىكتەك جاھىل كېسەل تېخى يوقىتىلمىدى. دۇنيا ئىقتىسادى «يېڭى ئادەتتىكىچە» خەۋپ- خەتەردىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشەلەيدۇ.

    بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ۋە كەسىپ ئىنقىلابىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىساد دۇنيا مىقياسىدا دولقۇن پەيدا قىلدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ئىلمى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش قولغا كەلدى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ساقلاپ تۇرسا ۋە قاراپ تۇرسا بولمايدۇ. بىز پۇرسەتنى تالىشىپ چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىسىز بولغان بارلىق تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. بېيجىڭ يىغىنىدىكى «ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئىسلاھات ۋە ئېشىشتىكى ئورتاق تونۇش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش قارىشىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ مەنپەئىتى ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئالاقىسى زىچ. ھەمتۈرتكە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرغاندا ھەم شېرىكلىرىنى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، ھەم ئۆزىگە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 2014- يىلى بىز ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشنى تاماملىدۇق. بىز لايىھەنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىپلىق ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورىنى قۇرۇشىمىز كېرەك. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى ۋە تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى «بوغما ھالەت»نى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ماس، ھەمتۈرتكە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

    بۇ يىل 5- ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماس، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەشەببۇسنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، مۇھىمى ئۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ ئۇ تارىخنى مەنبە قىلغان، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن؛ نۇقتىلىق ھالدا ئاسىيا- ياۋروپا- ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يۈزلەنگەن، شۇنداقلا بارلىق ھەمراھلارغا ئېچىۋېتىلگەن. ئىشىنىمەنكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئىگە قىلىدۇ!

    تۆتىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى تەتۈر قۇيۇنغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب تەرەققىياتتىكى سىغدۇرۇشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا. ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان قاتلاملارنى تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش، گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا يەنىلا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

    ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا بىز سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى چۆرىدەپ پائال ئىزدىنىپ، پۇختا ئورتاق تونۇش ئاساسىغا ئىگە بولدۇق، بىز رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بازارنى زورايتىپ، مەنپەئەتتىن ھەمبەھرىلىنىش زەنجىرىنى ئۇزارتىشىمىز كېرەك. بىز سىغدۇرۇشچان، ھەمبەھرە قارىشىنى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىق، كىرىم پەرقىنىڭ زورىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئاجىز ئاممىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەممەيلەنگە پۇرسەت يارىتىپ، نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك!

    خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

    جۇڭگودا قەدىمكىلەر ئېيتقان «ئېغىزدىن چىققاننى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك» دەيدىغان گەپ بار. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەربىر ئەزا ئەستايىدىللىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىشى زۆرۈر. جۇڭگو دۇنيا بويىچە 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا بىز ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىگىلەپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئۆتكەن تۆت يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %7.2 بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %30تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى.

    بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، زور ئىسلاھات لايىھەسىدىن 360نى، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىدىن 1500دىن كۆپرەكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسەن تۇرغۇزدۇق. بىز ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تاشقى سودىنىڭ سان ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە يۈكسىلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولدۇق.

    بىز نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە، مەدەنىيەتتە ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردۇق. جۇڭگو تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ جۇغلانما تەسىرىنى جارى قىلدۇرىدىغان كەڭ سەھنە بولۇپ قالدى، مەيلى ئۇل ئەسلىھە ياكى ئىقتىسادىي كەسىپ ھالىتى بولسۇن، مەيلى سودا ئەندىزىسى ياكى ئىستېمال ئەندىزىسى بولسۇن، ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى.

    خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچان ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئاشۇردۇق. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل تېز ئېشىپ، ئۇدا نەچچە يىل ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى. شەھەر- يېزا، رايونلارنىڭ كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرق داۋاملىق كىچىكلىتىلىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر داۋاملىق كۆپىيىپ، جىنى كوئېففىتسېنتى تۆۋەنلىدى، ھەر يىلى شەھەر- بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا تۆت يىل 13 مىليوندىن كۆپرەك بولۇشنى ساقلىدى. يېشىل تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېنېرگىيە، بايلىق سەرپىياتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى.

    بارلىق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش − جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسى، شۇنداقلا مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، زېھنىي كۈچۈمنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىدىغان بىر ئىش. ئۆتكەن بەش يىلدا مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن نامرات رايونلارنى ئارىلاپ چىقتىم، مەقسىتىم نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بەش يىلدىن بۇيان، يەنە 60 نەچچە مىليون نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇلدى، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلىدى، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن. بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.

    خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

    جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىر تارىخىي جەريان. ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى. قۇرۇلتاي دىققەتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى. 2020- يىلى جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. 2035- يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، جۇڭگو باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىدۇ.

    بىرىنچى، بۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇشتىكى يېڭى مۇساپە. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. بىز مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىغا ماس كەلمەيدىغان بارلىق نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ كەتكەن توسۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىمىز. كېلەر يىلى بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەيمىز. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ساھەسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ، تەدبىرى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدۇ، سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

    ئىككىنچى، بۇ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان يېڭى مۇساپە. جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلەندى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز. بىز تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىشنى تىرىشىپ تېزلىتىپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكتى ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنىڭ سالمىقى بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. بىز ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىچە ئاشۇرما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرىمىز. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى، چاڭجياڭ ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىچە ئىقتىسادىي ئېشىش قۇتۇپىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.

    يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېزلەشكەن، تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ ئەلالاشقان جۇڭگودا ئىقتىسادنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش تېزلىتىلدى، رايون ئىقتىسادىدا ماس تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر ئۈنۈمى ۋۇجۇدقا كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقىرىدۇ.

    ئۈچىنچى، بۇ، دۇنياغا يەنىمۇ يۈزلىنىدىغان، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى مۇساپە. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىمىز. بىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سودىنى ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز، ئىجازەتتىن ئىلگىرى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشۇلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز، بازار ئىجازەتنامىسىنى زور دەرىجىدە بوشاشتۇرىمىز، مۇلازىمەتچىلىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىمىز، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئومۇمەن، جۇڭگو زېمىنىدا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلا بولىدىكەن، ئوخشاش كۆزدە قارايمىز، باراۋەر مۇئامىلە قىلىمىز. بىز ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تېخىمۇ چوڭ ئىسلاھات مۇستەقىللىق ھوقۇقى بېرىمىز، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى تېزلىتىمىز، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، پۈتكۈل دۇنياغا يۈزلەنگەن ئەركىن سودا رايونى تورىنى شەكىللەندۈرىمىز.

    كەلگۈسى 15 يىلدا جۇڭگو بازىرى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ، تەرەققىيات تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 24 تىرىليون دوللارلىق تاۋار ئىمپورت قىلىنىدۇ، چېگرا سىرتىدىن 2 تىرىليون دوللارلىق بىۋاسىتە سېلىنما قوبۇل قىلىنىدۇ، تاشقى سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون دوللارغا يېتىدۇ. كېلەر يىلى 11- ئايدا بىز شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىمىز، بۇ ھەر قايسى تەرەپنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشتا ھەمكارلىشىشتىكى يېڭى سۇپا بولۇپ قالىدۇ.

    تۆتىنچى، بۇ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم بېسىشتىكى يېڭى مۇساپە. خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. بىز تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرىمىز. بىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايمىز!

    بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويىمىز. 2035- يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىمىز. بىز كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانلار ياشاشتا تايىنىدىغان ئورتاق ماكاننى ياخشى قوغدايمىز. جۇڭگو كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030- يىلى ئەتراپىدا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ ھەم مۇشۇ تۆۋەن چەككە بالدۇرراق يېتىشكە ئىمكانقەدەر تىرىشىدۇ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنىڭ بىرلەمچى ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %20 ئەتراپىغا يەتكۈزىدۇ. پەقەت توغرا ئىش دەپ قارىساقلا، بىز چوقۇم قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرىمىز!

    بەشىنچى، بۇ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى مۇساپە. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك. بۈگۈنكى دۇنيا خىرىسقا تولغان، ئالدىمىزدىكى يول تەكشى ئەمەس، لېكىن بىز غايىمىزگە يېتىشتىن ۋاز كەچمەيمىز، تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلىرىمىز ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى قۇرىمىز.

    جۇڭگو خەلقى ئىناقلىقنى ئەلا بىلىدۇ، ھەممە ئەل ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر دۇنيا ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ، مۇقىم تۇرۇشىدىكى لەڭگەر بولىمىز. بىز توغرا بولغان ھەققانىيەت- مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مەنپەئەت جەھەتتىكى بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسى بويىچە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

    خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

    ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، پۈتكۈل ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلققە مەنسۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كەلگۈسىنى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلق قول تۇتۇشۇپ يارىتىدۇ. ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مەنىۋى رىشتىسى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھەمكارلىقنى ئەستايىدىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇختا ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

    كۆپچىلىككە رەھمەت. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېتنام داناڭ، 10- نويابىر تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367481581