سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-10

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى: خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم بامبۇك يېشىل تەرەققىياتى ۋە جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقى مىنىستىر دەرىجىلىك باشلىقلار مۇنبىرى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بامبۇك بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىش، بامبۇك چىقىدىغان رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بامبۇك مەھسۇلاتى سودىسىنى گۈللەندۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا، جۇڭگونىڭ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە كۈچ چىقىرىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ.

    خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتى 1997 – يىلى قۇرۇلغان، ئۇ جۇڭگودا تۇنجى تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367344261