سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق بەش يىل بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-09

    دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتىنىڭ 6-نويابىر بونندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 -يىل يانۋاردىن سېنتەبىرگىچە يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى دەۋردىن تەخمىنەن1.1 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىگەن. كۈچلۈك ئېل نىنو ھادىسىسى سەۋەبلىك، 2016-يىل خاتىرە قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يىل بولۇپ قالغان، 2017-يىل ۋە 2015-يىل ئىككىنچى ۋە ياكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان بەش يىل خاتىرە قالدۇرۇلغاندىن بۇياندىن ئەڭ ئىسسىق بەش يىل بولغان.

    دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پېترى تالاس شۇ كۈنى ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بونن كىلىمات يىغىنىدا بۇ «كىلىمات ئەھۋالى باياناتى»نى ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 2017-يىلى «تەسىرى يۇقىرى ھادىسىلەر» كۆپ يۈز بەردى، بۇلار كونكرېت ھالدا ئاپەت خاراكتېرلىك قاتتىق بوران ۋە كەلكۈن، ساغلاملىققا زىيىنى بولغان ئىسسىق دولقۇن ۋە قۇرغاقچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كاربون(Ⅳ)ئوكسىد قويۇقلۇقى يۇقىرىلاش، دېڭىز يۈزى ئۆرلەش ھەم دېڭىز ـ ئوكيان كىسلاتالىشىش قاتارلىقلاردا يەنىلا تۆۋەنلەش بولمىدى. شىمالىي قۇتۇپنىڭ مۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يەنىلا ئوتتۇرىچە قىممەتتىن تۆۋەن بولدى، ئىزچىل تۇراقلىق بولغان جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇق دائىرىسى رېكورت يارىتىشنىڭ تۆۋەن چېكىگە يەتتى ياكى يېقىنلاشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367374481