سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكىتىمىزدىكى 30 مىليوندىن ئارتۇق مېيىپ مەملىكەت ئىچى ھەقسىز ساياھەت يىللىق كارتىسىغا ئېرىشىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-09

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 6-نويابىر ئالاقىدار كارخانىلار تەقدىم قىلغان 70 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەت يىللىق كارتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ كارتىلار ئالدى-كەينى بولۇپ مەملىكەتتىكى 30 مىليوندىن ئارتۇق مېيىپ ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرىغا تارقىتىلىدۇ، كارتا تارقىتىلغانلار ئېلىمىزدىكى 500 ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ھەقسىز ساياھەت قىلالايدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان، مېيىپلەر مەدەنىيىتىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش «بەش بىر» تۈرى جايلاردا پائال يولغا قويۇلغان، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن مېيىپلەر ئائىلىسى 40 مىڭدىن ئاشقان. بۇ تۈر «13-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە ئوتتۇرا-غەربىي رايونلار ۋە يېزا-كەنت رايونلىرىدىكى 100 مىڭ نامرات، ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەر ئائىلىسىنىڭ يىلدا كەم دېگەندە بىر پارچە كىتاب ئوقۇشى، كەم دېگەندە بىر قېتىم كىنو كۆرۈشى، كەم دېگەندە بىر قېتىم باغچا سەيلە قىلىشى، كەم دېگەندە بىر قېتىم كۆرگەزمە كۆرۈشى، كەم دېگەندە بىر قېتىم مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى مەقسەت قىلغان. مەركەز بۇنىڭغا ھەر يىلى پاراۋانلىق لاتارېيەسىدىن 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367374371