سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزنىڭ «يەتىكەن» يول باشلاش سىستېمىسى يەر شارى مىقياسىدا تور تارتىش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-07

ئېلىمىز ئىككى دانە «يەتىكەن-3» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى بىر راكېتا ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەردى

ئېلىمىز 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن «ئۇزۇن سەپەر-3B» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يەر شارى مىقياسىدا تور تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىككى دانە «يەتىكەن-3» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، ياڭ جىيۈەن فوتوسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىچاڭ، 5- نويابىر تېلېگراممىسى: ئېلىمىز 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن «ئۇزۇن سەپەر-3B» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يەر شارى مىقياسىدا تور تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىككى دانە «يەتىكەن-3» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.

    بۇ، «يەتىكەن-3» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ تۇنجى قويۇپ بېرىلىشى، شۇنداقلا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئالەم قاتنىشى سەپىرى، ئۇ جۇڭگونىڭ «يەتىكەن» سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا تور تارتىش يېڭى دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    جۇڭگو «يەتىكەن» سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ چاڭفېڭ: «سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن ئالاقىدار ئۆلچەشلەرنى ۋە تورغا كىرىش تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم پەيتى كەلگەندە سىرتقا قارىتا مۇلازىمەت قىلىدۇ»، دېدى.

    ئېلىمىز 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دۆلەت ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلاپ، «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» تەك تۆۋەندىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن: 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «يەتىكەن-1» نومۇرلۇق سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «يەتىكەن-2» سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ 2020-يىلىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە «يەتىكەن» يەرشارى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367320861