سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رۇسىيە ئەسكەرلىرى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات رېپېتىتسىيەسىگە قاتناشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-07

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 5-نويابىر رۇسىيەنىڭ موسكۋادا رۇسىيە ئەسكەرلىرى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات رېپېتىتسىيەسىگە قاتنىشىپ، 1941-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىش ئۈچۈن قىزىل مەيداندا ئېلىپ بارغان ھەربىي پاراتىنى خاتىرىلىدى. 1941-يىلى 7-نويابىردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا داغدۇغىلىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نەچچە يۈز مىڭ قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر-ئەسكىرى رەئىس سۇپىسىدىن ئۆتۈپ، سىتالىن قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، فاشىستىك گېرمان قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن غەربتىكى ئالدىنقى سەپكە يۈرۈش قىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367318631