سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى دەۋردىكى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-06

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان سوتسىيالىزم. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تەلىپى بويىچە، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا يېڭى تارىخى ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن يېڭى دەۋردىكى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى تۈزۈلدى، بۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ لىنىيە خەرىتىسى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشتىكى ۋەزىپىنامە.

    يېڭى دەۋردىكى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئالدى بىلەن قاراش جەھەتتىكى تونۇشنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىك كۆرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى. خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پەقەت يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرغاندىلا، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرگىلى، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرگىلى، خەلقنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتقاندىلا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرگىلى، تېخىمۇ سىجىل داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرغاندىلا، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

    يېڭى دەۋردىكى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى جەزمەن ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە «14 ماددىلىق چىڭ تۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش ماددىدىكى چىڭ تۇرۇش «بەش بىر گەۋدە»نىڭ چوڭقۇر شەرھىسى، ئۇنى جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۈنۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجادىي ئۆزگەرتىش، ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

    يېڭى دەۋردىكى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئورگانىك پۈتۈن گەۋدە، بۇنىڭدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئاساس، سىياسىي قۇرۇلۇش كاپالەت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جان، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش شەرت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۇل، بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يېڭى نىشانىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتساقلا، چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتالايمىز.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- نويابىر تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367313101