سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى دەۋردە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-06

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

    «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا قالتىس ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش جەھەتتە زور يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاقىدار قىسىمدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، سىن ئارقىلىق جىبۇتىدا تۇرۇشلۇق كاپالەت بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىم، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

    كوماندىر- جەڭچىلەر بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ خىزمىتىنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى جەزمەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

    ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش كىرىچىنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك

    11- ئاينىڭ 3- كۈنى سىرتتا ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزى ئىللىقلىققا تولغانىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي فورما كىيىپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزى بىناسىغا كەلدى ھەم ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلدى.

    − رەئىس شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. بۇ، پارتىيەنىڭ داھىيسىنىڭ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىنىڭ خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرگە چىقارغان سىياسىي سەپەرۋەرلىكى ۋە دەۋر چاقىرىقى، − دېدى كۆزدىن كەچۈرۈشتە باشتىن- ئاخىر بىللە بولغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئىشتابى جەڭ قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شاڭپىڭ.

    ئارمىيە جەڭ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشىنىڭ تۈپ كۈچەش نۇقتىسى − جەڭگىۋارلىقىدا.

    ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيەلەر، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ئۆگىنىش- مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا مۇنداق قارىدى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا باشتىن- ئاخىر مەركەزلەشتۈرۈپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، ئۈنۈملۈك ۋەزىيەت يارىتىپ، خەۋپنى تىزگىنلەپ، ئۇرۇشنى توسۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلالايدۇ.

    «تىنچلىقنى ئويلايدىكەنمىز، جەڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ جىنلۇڭ يېتەكچى بولۇۋاتقان ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈسىنىڭ «تۆھپىكار 3- ليەن»ى ئۇرۇش يىللىرىدا قالتىس نام قازانغان، يېڭى دەۋردە ليەندۈي لۈنىڭ جىددىي ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى يىل بويى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر ۋاقىت كىرىچنى چىڭ تارتىپ، جەڭگىۋار ھالەتنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ كەلمەكتە. ۋاڭ جىنلۇڭ مۇنداق قارىدى: چېگرا تىنچ ئەمەس، جەڭ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالساق، جەزمەن خەۋپ- خەتەر ئىچىدە قالىمىز. دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەنە شۇنداق، تەييار تۇرمىساق، دۈشمەن كېلىدۇ؛ تەييارلىق پۇختا بولسا، دۈشمەن كېلىشكە پېتىنالمايدۇ. ئۇرۇش بىلەن تىنچلىقنىڭ دىيالېكتىكىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، جەڭ قىلالايدىغان بولغاندىلا، ئۇرۇشنى توسقىلى بولىدۇ، ئۇرۇشقا تەييار تۇرغاندىلا، جەڭ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالماسلىقى، جەڭ قىلىشقا ماھىر بولالمىغانسېرى، شۇنچە بوزەك بولۇش مۇمكىن.

    − «جەڭ»نى قەلبكە پۈكۈپ، «ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش»تەك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەسئۇلىيىتىنى كاللىغا چوڭقۇر ئورنىتىپ، ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مۇبادا ۋەقە كۆرۈلسە، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز، − دېدى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم لۈسىنىڭ لۈجاڭى سۈي جيابىن.

    ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

    كوماندىر- جەڭچىلەر مۇنداق قارىدى: يېڭى دەۋر ئارمىيەنىڭ جەزمەن يېڭى ئىقتىدار ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلماقتا، يېڭى ئىقتىدار ھازىرلاشتا جەزمەن ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كەڭ كۆلەمدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم تۈەنىنىڭ تۈەنجاڭى ليۇ رۇي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانداق ئۇرۇش قىلىش زۆرۈر بولسا، جەڭچىلەرنى شۇنداق مەشىقلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىشتا نېمە زۆرۈر بولسا، جەڭچىلەرنى شۇ بويىچە جاپالىق مەشىق قىلدۇرۇپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پۈتۈن ئارمىيەدە ھەربىي مەشىقنى چىڭ تۇتۇش دولقۇنى قوزغاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. بۇ نۇقتا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ئارمىيە ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرگەندىلا، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدۇ.

    ليۇ رۇي تۇرۇشلۇق تۈەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئۆزگەرتىلگەن بومباردىمانچى 6K- ئاۋىياتسىيە قىسىمى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچى. ليۇ رۇي پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىنكى بۇ مەزگىلدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە مەشىق مەيدانىدا بولدى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ تۈەن بويىچە تارىختىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك رايون ھالقىغان ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىش مەشىقىنى تەشكىللىدى، كۈندۈزدىن باشلاپ تاكى تۈننىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە سوقۇش ئايروپىلانىنى قوزغىتىشتىن ئەڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشقىچە، قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزغىچە، توختىماي جەڭ مەشىقى قىلىپ، بىرنەچچە ناتونۇش رايون ۋە بىرنەچچە ئايرودۇرۇمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەشىقنى ئۇدا توققۇز سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتۇردى، ئۇچۇش مۇساپىسى 5000 كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى...

    جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 74- جىتۈەنجۈنى مەلۇم بىرلەشمە لۈسىنىڭ «خۇاڭساۋلىڭ تۆھپىكار ليەنى» ھازىر جاپالىق مەشىق قىلىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جىتۈەنجۈننىڭ يىللىق باھالىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. يېتەكچى چېن شياۋۋېن مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەربىي كومىتېت قاتلىمىدىن باشلاپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە جەڭ قىلىش قوماندانلىق تايىقىنى تىكلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسىدىن باشلاپ ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشتەك ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ مەشىقنى ياخشى قىلماسلىققا باھانىمىز يوق. بىز جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان خىل، كۈچلۈك قوشۇننى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك.

    مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاسانلا، داقا- دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانى ئوخشاشلا ئىنتايىن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

    ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى مەلۇم ئۇچۇر- ئالاقە لۈسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى كېلياڭ مۇنداق قارىدى: بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭ ئورنىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكلەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش خىزمىتىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتتىن ئۇچىدىغان سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى ساۋ شيەنجيەن ئېغىر يارىلىنىپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قايتا ئۇچۇپ 70 كۈندىلا «قىرغۇچى- 15» بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانىنى ھەيدەپ، پاراخوتقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇشتەك مۆجىزىنى ياراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: جەڭگاھ ھەقىقىي كۈچ سىنىشىدىغان جاي، جەڭ − تىغمۇ تىغ ئېلىشىش دېمەكتۇر. بۇ بىرنەچچە يىلدا، پۈتۈن ئارمىيە مەشىق ئىستىلى، مانېۋىر ئىستىلى، باھالاش ئىستىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي مەشىق جەريانىدىكى «تىنچلىق كونا ئىللەتلىرى»گە جەڭ ئېلان قىلىپ، مانېۋىردا دادىللىق بىلەن مەسىلىنى ئاشكارىلاپ، دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئانالىز قىلىپ، بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

    80- جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈسىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندىن كېيىن مۇنداق قارىدى: بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، جەڭ قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دىققىتىمىزنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جەڭ قىلىشقا كۈچەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تېز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

    ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى كەلگۈسى ۋەزىيەت، ۋەزىپىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، جەڭ ۋە جەڭ قىلىش پىلانىدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، جەڭ ھالىتى ۋە جەڭ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى، جەڭ رەقىبى، جەڭ مۇھىتىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەڭ قىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك بولغان بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، ئېنىق بولغان ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش پوزىتسىيەسى پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنى ئىلھاملاندۇردى. كوماندىر- جەڭچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۆلچەمنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن دىققىتىمىزنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جەڭ قىلىشقا كۈچەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايمىز!

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- نويابىر تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367313021