سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-06

    (2017- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى)

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى.

    بىرىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى 10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ئانالىز قىلىندى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ ۋە خۇلاسىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور سىياسىي ھۆكۈملەر چىقىرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش نىشانى بېكىتىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قۇرۇلتايدا يولداش شى جىنپىڭ ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن دوكلات تەستىقلاندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تەستىقلاندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى.

    يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزمنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىدا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى پارتىيە نىزامنامىسىدا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيە، كۆز قاراش ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

    پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى، مول تەجرىبىلىك، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، جاسارەتلىك- ياراملىق بىر تۈركۈم يولداشلار مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا كىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم رېئال ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئىككىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە جەزمەن ئومۇميۈزلۈك توغرا بولۇش، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىكى قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئېنىق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئوقۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتنى ئىگىلەش كېرەك.

    1. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. بۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، بۇنىڭدا پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە قانداق بايراق كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىن ئىبارەت زور مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بېرىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، كەلگۈسى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش − 2020- يىلى جەزمەن ئورۇندايدىغان كۈرەش نىشانى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى باسقۇچلۇق نىشان، بۇ نىشانغا يەتكەندىن كېيىن، بىز يېڭى تارىخىي پەللىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    2. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا، دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نۇقتىئىنەزەر بىلەن، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيەدە زور يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات شەكلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم- باسقۇچلىرى، تاشقى شارائىت، سىياسىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلدى ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە نەزەرىيە ئانالىزى يۈرگۈزۈلدى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم «14تە چىڭ تۇرۇش»قا يىغىنچاقلاندى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى ئىدىيە قاتلىمىدىكى بايان بولۇپ، ھەرىكەت پىروگراممىسى قاتلىمىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

    3. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بېكىتىپ، پىلان تۈزۈپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر قاتار زور خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشنى بېجىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆپ تەرەپلىك، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولدى، بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

    4. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى. بۇ يېڭى دەۋر كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئۇزاق ۋاقىت ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، ئاندىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بەردى؛ بۇ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21- ئەسىردىكى جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيادا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى؛ بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشنى، ھەم ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلغان دۆلەتلەرنى ۋە مىللەتلەرنى يېپيېڭى تاللاش يولىغا ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى بېغىشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

    5. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دۆلىتىمىز 1 مىلياردتىن كۆپرەك كىشىنىڭ كىيىش- تويۇش مەسىلىسىنى مۇقىم ھەل قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ، ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، باراۋەرلىك، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپى كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نۇرغۇن جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، بۇنىڭ بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى ۋە يېتەرلىك بولماسلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى، بۇ، خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى ئاساسلىق چەكلەش ئامىلىغا ئايلاندى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپنى قويدى. تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق ۋە يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىزنىڭ ئېلىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىزنى ئۆزگەرتمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇشتەك خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرمىدى. بىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتكە قويۇشىمىز، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى، خەلقنىڭ بەخت لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

   1 2 3 下一页  

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367312641