سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2018- يىللىق پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى كورېيەگە يۆتكەپ كېلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-06

    پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى، كورېيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيلىش ماھىرى كىم يۇنا ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەتچىلىك مىنىستىرى دوجۇڭخۇەن 2018 - يىللىق پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى بىرلىكتە كۆتۈرمەكتە.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 1 – نويابىر 2018 - يىللىق پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى كورېيەنىڭ ئىنچون ئايرودۇرۇمىغا يۆتكەپ كېلىندى. ھازىردىن باشلاپ 2018 – يىلى 9- فېۋرالغىچە بولغان 101 كۈندە 7500 مەشئەل يەتكۈزگۈچى كورېيەدىكى ھەر قايسى جايلاردا كۈچ ئۇلاپ مەشئەل يەتكۈزىدۇ. مەشئەل يەتكۈزۈش مۇساپىسىنىڭ 2018 كىلومېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367259661