سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-03

شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن جاڭ شېڭمىنغا بۇيرۇقنامە تارقاتتى ھەم ئۇنى تەبرىكلىدى

شۈ چىلياڭ بۇيرۇقنى ئوقۇدى، جاڭ يۇشيا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بېيجىڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ شېڭمىنغا بۇيرۇقنامە تارقاتتى. سۈرەتتە: ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار جاڭ شېڭمىن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى لى گاڭ فوتوسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بېيجىڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ شېڭمىنغا بۇيرۇقنامە تارقاتتى.

    ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن جاڭ شېڭمىن ھەربىيلەرگە خاس مەردانە قىياپەت ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق پاگونى تاقىغان جاڭ شېڭمىن شى جىنپىڭغا ھەربىيچە سالام بەردى، ئارقىدىن مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا ھەربىيچە سالام بەردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

    ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى جاراڭلىق ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار جاڭ شېڭمىن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا ھەم ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367254291