سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‎ ‎‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-03

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېچىلدى.

    يىغىندا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ سۆز قىلدى.

    بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن پېڭ جيارۈي، كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىلىپ، ئومۇمىي تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلگەن ياخشى دوكلات، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، يېڭى سەھىپىنى يارىتىشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)»دە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە توغرا يۆنىلىشنى داۋاملىق بويلاپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە مۇستەھكەم نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىندى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنى يەنىمۇ تىكلەندى، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، ياش ۋە غەيرەتلىك بىر تۈركۈم رەھبىرىي كادىرلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋە مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا كىرىپ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

    بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭ ۋە كۈچلۈك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي ساپاسى ۋە ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى ئىكەنلىكىگە، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور ھۆكۈملەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ زور قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ داھىي ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى «ئۆگىنىش، بىلىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەندە كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىڭتۈەندە كىشىلەر كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»نى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، «تۆت چوڭ رول»نى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367232971