سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-02

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- نويابىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 1- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مېدۋېدېۋنىڭ ج ك پ 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىنلا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگونىڭ جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئېنىق نىشانى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىللە ھەرقايسى ساھەلەر ۋە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە زۇڭلىلار قەرەللىك كۆرۈشۈش مېخانىزمىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىكى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەركىبىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، ئەقلىي شەھەر قاتارلىق رەقەملىك ئىقتىسادىي ساھەلەرنى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دېڭىز بويى خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، «مۇزلۇق يىپەك يولى»نى ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ، ساياھەتچىلىك، تاراتقۇ قاتارلىق ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا، ئىككى تەرەپ چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر باش تېما يىلى پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ئالاقە، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.

    مېدۋېدېۋ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى، ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. مېدۋېدېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ جەرياندا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر راۋاجلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 7- ئايدا رۇسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت، ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367232471