سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«يۇرتىمىز يۈمەي، دۆلىتىمىز جۇڭگو» ___ مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز يېزا يۈمەينى قايتا زىيارەت

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-02

    جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىللار ۋە يۈمەي يېزىسىدىكى كادىر، ئامما بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

    29-ئۆكتەبىر يۈمەي يېزىسىدا ھاۋا ئوچۇق بولدى.

    جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن بالدۇرلا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلىماقتا ئىدى.

    نەچچە كۈن ئىلگىرى جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل ھازىرقى بەختىيار كۈنلىرىگە رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقى ئۇلارنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ياڭزۇڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئاچا-سىڭىللارغا باش شۇجى شى جىنپىڭ يازغان جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزدى. بۇ پەيتتە ياڭزۇڭنىڭ ئۆيى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.

    شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن شەھىرى لۇڭزى ناھىيەسىنىڭ يۈمەي يېزىسى جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز مەمۇرىي يېزا ھېسابلىنىدۇ، پۈتۈن يېزىدا توققۇز ئائىلە، 32 ئاھالە بولۇپ، پارتىيەلىك دېھقان-چارۋىچىدىن توققۇزى بار.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى كۆپ يىلدىن بۇيان يۈمەي يېزىسىغا كۆپ قېتىم كېلىپ، بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئۆزگىرىشىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ھەر قېتىمدا يۈمەي يېزىسىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشتىكى يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367206221