سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىن ئۇكرائىناغا تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-30

    ئۇكرائىناغا قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى.

     نېفىت بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى قاچىلىغان X9081-قېتىملىق پويىز 29-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن ئايرىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پولتاۋا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ شىنجاڭدىن ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىققان تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتچى پويىز ئالاتاۋ ئېغىزىدىن چېگرىدىن چىقىپ، قازاقىستان، رۇسىيەدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۇكرائىنانىڭ پولتاۋا شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يۈرۈش ۋاقتى 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367152681