سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ شىزاڭلىق چارۋىچى ئاممىغا جاۋاب خەت يازدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-30

    ئۇلارنى كېسان گۈلىگە ئوخشاش قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بەختلىك يۇرت- ماكاننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 28- كۈنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدىكى چارۋىچى جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا- سىڭىلغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلار ئاتا- بالا ئىككى ئەۋلادنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋەتەن چېگراسىنى قوغدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان يولداشلارغا رەھمەت ئېيتتى، دېھقان- چارۋىچىلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، يۇرت- ماكانىنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

    شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىردىن ئاشىدىغان، ھەر يىلى يېرىم يىلدىن كۆپرەك قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان چېگرادىكى ئېگىزلىكتە، سىلەر ئاتا- بالا ئىككى ئەۋلاد نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنى ئۈن- تۈنسىز قوغدىدىڭلار، بۇ روھىڭلار كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن سىلەرگە، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ، چېگرا رايون تىنچ بولمىسا، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. ۋەتەن زېمىنىدىكى ھەربىر تۈپ گىياھ، ھەر بىر تۈپ دەرەخنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىڭلارنى، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى ئاممىنى يېتەكلەپ، كېسان گۈلىگە ئوخشاش قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بەختلىك يۇرت- ماكاننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19- قۇرۇلتاي ئەمدىلا ئېچىلدى، پارتىيەمىز ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يۈمەيدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى «ئۈچ كىشىلىك يېزا» چوقۇم بەختىيار، گۈزەل، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ، يۇرتداشلارنىڭ كۈنى چوقۇم كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىدۇ!

    شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسى ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، تاغلىرى تىك، يوللىرى خەتەرلىك، قاتنىشى قولايسىز، بۇ يېزىدا ھازىر توققۇز ئائىلە، 32 ئاھالە بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئاھالىسى ئەڭ ئاز، كىشى بېشى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا. ئالدىنقى ئەسىردىكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، يۈمەي يېزىسىدا ساڭجيې چۈبا ئائىلىسىلا بار بولۇپ، سىرتتىكىلەر بۇ يەرنى «ئۈچ كىشىلىك يېزا» دەپ ئاتىشاتتى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ساڭجيې چۈبا ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى جوگا بىلەن ياڭزۇڭ يۈمەيدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چېگرانى قوغداپ، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرا قوغداشنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى يازدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا- سىڭىل باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋەتەن چېگراسىنى قوغداش تەسىراتلىرى ۋە يۇرتىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ داۋاملىق چارۋا بېقىپ، چېگرا رايوننى قوغداپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367151651