سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئەنگىلىيە خەنزۇ تىلىنى خەلق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئۈچ يىلدا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سانى 400 مىڭغا يېتىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-27

    يېقىندا، ئەنگىلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەنزۇچە تور بېكىتىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «سودا ساھەسىدىكى ئەقىللىك كىشىلەر» خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى ناھايىتى ياخشى مەبلەغ سېلىش دەپ قارىغان. بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇتىلى مائارىپى ئەنگىلىيە تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مەكتەپلەر خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلغان. ئەنگىلىيە ئاللىبۇرۇن خەنزۇتىلىنى خەلق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزۈپ، ياۋروپا بويىچە كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە كۇڭزى دەرسخانىسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 2020-يىلىغا بارغاندا خەنزۇتىلى ئۆگەنگۈچىلەر سانىنى 400 مىڭغا يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تېخىمۇ كۆپ ئەنگىلىيەلىكلەر خەنزۇتىلىنى قىزىقىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىر مۇھىم تېخنىكا، ھەتتا ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

    جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ئەنگىلىيەدە 29 كۇڭزى ئىنستىتۇتى، 148 كۇڭزى دەرسخانىسى قۇرۇلغان، ئۆگىنىشكە تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى 160 مىڭدىن ئاشقان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنگىلىيەدە خەنزۇتىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ، خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367103301