سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا يېپىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-26

يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

    18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

    شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بەل قويۇۋەتمەسلىكتەك روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىشتەك كۈرەش ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، 19- قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 10- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

    قۇرۇلتايدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

    يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، ما كەي، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى جيەنگو، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، خۇ چۈنخۇا، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۈيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ قاتارلىق قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

    قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا باشلاندى.

    قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2354، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 2336، قۇرۇلتايغا ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشتى، بۇ قۇرۇلتاي سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

    يىغىندا ئالدى بىلەن ئىككى نەپەر باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە 36 بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

    باش بېلەت نازارەتچىلىرى بىلەن بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارىتىدە، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر نامسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 204 ئەزا، 172 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.

    سائەت 11 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، دەپ جاكارلىدى. زالدا ئۇزاققىچە قىزغىن گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.

    ئارقىدىن قۇرۇلتاي 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى. قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى تەستىقلىدى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغ پىلانى سۈرەتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلىپ بېرىلدى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: دوكلاتتا شەرھلەنگەن قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    قۇرۇلتاي 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، قۇرۇلتاي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ناھايىتى قالتىس بەش يىل بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپلەرنى قويدى.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشنى چۆرىدەپ، پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيەدە زور يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ 14 ماددا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى. قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: 19- قۇرۇلتايدىن 20- قۇرۇلتايغىچە بولغان ۋاقىت «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىچكى ۋەزىيەت، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغاندا، 2020- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. 2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە بولغان بىرىنچى باسقۇچتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئىككىنچى باسقۇچتا زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

    قۇرۇلتاي دوكلاتتىكى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا قوشۇلدى.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جەزمەن «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن مىللىي گۈللىنىش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىلىش كېرەك. «تىنچ بىرلىككە كېلىش»، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىدا جەزمەن داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشىغا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگونىڭ ھەرقانداق زېمىنىنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق.

    قۇرۇلتاي دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئانالىزى ۋە تاشقى ئالاقە خىزمىتى فاڭجېنىغا قوشۇلۇپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن بىللە ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بازغانچىنىڭ بېلى چوقۇم چىڭ بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق، ساپلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، غايە، ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ھەممىگە سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇن، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت- شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

    قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

    قۇرۇلتاي 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى. قۇرۇلتاي 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

    قۇرۇلتاي «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، بۇ تۈزىتىلمىنى ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارار قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ رەئىس سەھنىسىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قۇرۇلتاي پارتىيە نىزامنامىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ تۇرغۇزۇشقا بىردەك قوشۇلدى. قۇرۇلتاي پۈتۈن پارتىيەدىن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن بىللە پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىگە پايدىلىق. قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاچقان بۇ يول، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسى، بۇ تۈزۈم، بۇ مەدەنىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى دەۋردىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. قۇرۇلتاي پارتىيە نىزامنامىسىدە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى دېگەن زور سىياسىي ھۆكۈم ئېلىمىز جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرى، يىراق كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا پارتىيە نىزامنامىسىگە مۇشۇ بويىچە مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: خەلق ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا پايدىلىق.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ۋە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇڭا چوقۇم بۇلارنى پارتىيە نىزامنامىسىدە ۋاقتىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئورتاق مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەدەنىيەت- مائارىپ، ھەممە ساھە، ھەممە تەرەپلەرگىچە پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. قۇرۇلتاي بۇ مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى.

    قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ قوبۇل قىلىپ ھەم ئۇنى ئومۇمىي پىروگرامما قىسىمىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ناھايىتى زۆرۈر.

    قۇرۇلتاي تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي بولدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىندى، خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى تەھلىل قىلىندى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى چوڭقۇر شەرھلەندى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلاش نىشانى بېكىتىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاي ماقۇللىغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش شەمشىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، چىرىكلىك يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. قۇرۇلتاي ماقۇللىغان پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تۇرغۇزۇلغان زور نەزەرىيە، قاراش ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويۇلدى. قۇرۇلتايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. قۇرۇلتايدا يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى. ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلار، قولغا كەلتۈرۈلگەن تۈرلۈك نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى سەپىرىنى باشلاش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچىمىز شەرەپلىك، ۋەزىپىمىز ئېغىر، بىز چوقۇم پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى، زىممىمىزدىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى سەپىرىنى باشلاش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ چوقۇم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ ساداسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ۋەكىللىك ھوقۇقىمىزنى توغرا يۈرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز؛ چوقۇم ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى، كەڭ خەلق ئاممىسى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيەلەر، تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھە زاتلارمۇ تېلېگرامما ۋە خەت ئەۋەتىپ، قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 96 يىل، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 68 يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىنىغا 39 يىل بولدى. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كونا جۇڭگونىڭ باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ھەم نامرات، ھەم ئاجىز بولۇشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ جۇڭگو خەلقىنىڭ غەيرەت- جاسارىتى ئۇرغۇپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى، ۋەتىنىمىزنىڭ 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق كەڭ زېمىنى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، باھار تۈسىگە كىردى، بىزنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ چاقناپ، جەلپكارلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى كۈچىيىپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى بۈيۈك ۋە پارلاق. بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋردە ياشىغانلىقىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز. بىز چوقۇم جاسارىتىمىز ۋە غەيرىتىمىز بىلەن، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ياراتقان تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلار ئاساسىدا، دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجىلەرنى قازىنىپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە قاراپ زور قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتۇر. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشماسلىق روھىي ھالىتى ۋە جەسۇرانە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ داۋاملىق باتۇرانە ئىلگىرىلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    قۇرۇلتايدا سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسلىرى، بېيجىڭدىكى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارتىيە- گۇرۇھسىز ۋەكىل زاتلار، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىل زاتلار، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىدىكى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مىللەت، دىن ساھەسىدىكى زاتلار مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

    قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367051951