سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيە سۈيى 1 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-23

    سۈرەتتە: ياۋا ئۆردەكلەر تىتىما كۆلىدىن ئۇچماقتا. (10- ئاينىڭ 17- كۈنى تارتىلغان)

    بۇ يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن ئېتىبارەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيە سۈيى قويۇپ بېرىش باشلانغاندىن تارتىپ 10- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە تۆۋەن ئېقىنغا قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيە سۈيى 1 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇ يىل ئېكولوگىيە سۈيى قويۇپ بېرىش باشلانغاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ سۇ قويۇپ بېرىلگەن بىر يىل بولدى. شىنجاڭ تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2000- يىلىدىن ئېتىبارەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئىلگىرى- كېيىن 18 قېتىم ئېكولوگىيە سۈيى قويۇپ بېرىشنى تەشكىللىك يولغا قويدى، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە جەمئىي 6 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلدى، 14 قېتىم قويۇپ بېرىلگەن سۇ تىتىما كۆلىگىچە يەتكۈزۈلۈپ، تۆۋەن ئېقىننىڭ ئۇدا 30 يىل قۇرۇپ كېتىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ھازىر تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 2017- يىللىق ئېكولوگىيە سۈيى قويۇپ بېرىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

سۈرەتتە: خادىملار تىتىما كۆلىگە قۇيۇلغان سۇ مىقدارىنى ئۆلچىمەكتە. (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001367001551