سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 2–قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-23

    يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى ليۇ يۈنشەن 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. يىغىندا 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)›› توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)نى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇش ماقۇللاندى؛ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا قويۇش ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى.

 

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 –ئاينىڭ 20 –كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 20 –كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

    يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى ليۇ يۈنشەن 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

    يىغىندا 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)›› توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)نى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇش ماقۇللاندى.

    يىغىندا 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا قويۇش ماقۇللاندى.

    يىغىندا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىدىن ئۆتكەن قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە بېلەت نازارەتچىسى، باش بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، بۇ ئىسىملىك رەسمىي سايلام باشلانغاندا قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366994551