سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھەممىمىز بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-20

    شى جىنپىڭ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

    ھەممىمىز بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك

    يولداش شى جىنپىڭ 10–ئاينىڭ 19–كۈنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 10–ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، دوكلات پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى ھۆكۈمنى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن ئىبارەت يېڭى ئالاھىدىلىكنى، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى نىشانىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

    گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرە كەيپىياتى قىزغىن بولدى. سۈن جىگاڭ، چېن يىچىن، يۈ ليۇفېن، پەن كېگاڭ، جۇ جيەنكۇن، جۇڭ جىڭ، ياڭ بو، جاڭ شۇشىن، خۇاڭ جۈنچيۇڭدىن ئىبارەت توققۇز ۋەكىل ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دوكلاتقا قارىتا پىكرىنى بايان قىلدى، تونۇشى، تەسىراتىنى ئەركىن – ئازادە سۆزلىدى. كۆپچىلىك بىردەك: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات، پۈتۈن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان دوكلات بوپتۇ، بۇ دوكلاتنى بىردەك ھىمايە قىلىمىز، دەپ بىلدۈرۈشتى.

    شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى. ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ پەنجۇ شەھىرى يۈنى يېزىسى يەنبو كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈ ليۇفېن سۆز قىلىپ: دېھقانلار پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولدى، دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا: بۇ دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان سىياسەت، دېدى. زۈنيى شەھىرىنىڭ بوجۇ رايونى فېڭشياڭ بازىرى خۇاماۋ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەن كېگاڭ سۆز قىلىپ: يېزا سەھرا ئارامگاھى ساياھەتچىلىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى، دېگەندە، شى جىنپىڭ: سەھرا ئارامگاھىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەم سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۆلچەرلەپ، ئالدىن تەدبىر بەلگىلەپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېدى. بىجيې شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ جيەنكۇن سۆز قىلىپ: ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسىدا ياچېيكا قۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۇرسى ئاچتۇق، دېگەندە، شى جىنپىڭ تەكىتلەپ: يېڭى دەۋردىكى دېھقانلار كۇرسى بىر يېڭىلىق، پارتىيەنىڭ يىلتىزى ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردا پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى.

    چيەنشىنەن ئوبلاستىنىڭ جېنفېڭ ناھىيەسى لۇڭچاڭ بازىرى لۇڭخې كەنتى شىپاخانىسىنىڭ دوختۇرى جۇڭ جىڭ يېزىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا، شى جىنپىڭ: ھازىر دېھقانلارنىڭ بىر يىلدا تاپشۇرىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى نەچچە پۇل، نامرات يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندىمۇ، دەپ تەپسىلىي سورىدى. گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ليۇپەنشۈي شەھىرى جۇڭشەن رايونى داۋەن بازىرى خەيگا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1–شۇجىسى ياڭ بو ئۆزىنىڭ ئۇدا سەككىز يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق 1–شۇجى بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تەسىراتلىرىنى سۆزلىگەندە، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك، ھەر قايسى تەرەپتىكى ساپاسى ياخشى، شارائىت ھازىرلىغانلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياش كادىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يەنە چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ جىنيۈەن ناھىيەسى جياڭگۇ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇاڭ جۈنچيۇڭغا مۇنداق دېدى: كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ – تەربىيەلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىنى كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش كېرەك.

    شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن: گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇزاكىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، دېدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر ۋە گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، گۇيجۇ ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە زور ئىلگىرىلەش بولدى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، سىياسىي ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلاندى. گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۇ، يەنە بىر نۇقتىدىن پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلار ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    شى جىنپىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى يولداشلاردىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، كۈرەش قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەش، تەرەققىياتتا ئېشىپ كېتىش روھىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلاپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ كۈرەش قىلىپ، تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى گۇيجۇ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، پۇقرالار بېيىغان، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان رەڭدار گۇيجۇنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدۇر. بۇ مۇھىم سىياسىي ھۆكۈم ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان ئىستراتېگىيەنى نەزەردە تۇتۇش ئاساسىدا چىقىرىلدى، بىز جەزمەن يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپ قويدى، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۆپ تەرەپتىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ تۈرلۈك ئىستراتېگىيە، خىزمەت، سىياسەت، تەدبىرلەردە سىجىللىق ۋە ئالدىن كۆرەرلىكنى ساقلاپ، بېكىتكەن نىشانىمىزغا قاراپ قەدەممۇ قەدەم، توختاۋسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، قىلچە تەۋرەنمەي ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى شەرت. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە ئىشلار بىر يەرگە باردى، ئارام ئېلىۋالاي، پۇت – قولۇمنى سۇنۇۋالاي، دەيدىغان ئوي بولسا، بىر قېتىملىق جەڭنى ياخشى قىلىپلا، غەمدىن مەڭگۈ خالاس بولىمەن، دەيدىغان ئوي بولسا، دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆرۈپلا بولدى قىلىدىغان ئوي بولسا بولمايدۇ. جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ۋېنتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى خىزمەت ئورنىدا، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قۇرۇلتايدىن كېيىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھى ھەققىدىكى تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتى ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلىشقا، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تىپىك ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ياخشى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۈرلۈك تەشۋىقات شەكىللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارمىلارغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئاۋامنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366939851