سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-17

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركەز ھۆججەت- ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىدىيەۋى كاپالەت، مەنىۋى كۈچ، ئەخلاقىي ئوزۇققا ئىگە قىلدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

    «باياندىن ئۈزۈندىلەر» مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى بەرپا قىلىش؛ ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش؛ نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش؛ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش قاتارلىق سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن. كىتابقا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، دوكلاتى، نۇتقى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىكنامىسى قاتارلىق 70 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان 361 پارچە بايان كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بايان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

    «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ۋە «شى جىنپىڭنىڭ < تۆت ئومۇميۈزلۈك > ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»،«شى جىنپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» پۈتكۈل پارتىيەدىكىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر سىستېمىلىق ئۆگىنىشىنى مۇكەممەل يۈرۈشلۈك كىتابلار بىلەن تەمىنلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366856751