سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ‹‹يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى›› راۋانلاشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13

 10 –ئاينىڭ 10 –كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىخو 750 كىلوۋولتلۇق ئۈسكۈنە رايونىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

 دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى شىخو 750 كىلوۋولتلىق بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتى شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئىلى، ئۈرۈمچى، سانجى، قومۇل رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئېلېكتىر لىنىيەسى، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىر تورى يىرىك پىلانىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدا مۇھىم تايانچلىق رول ئوينايدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366743991