سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

6-ئۆكتەبىر خەلقئارا نېفىت باھاسى چۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-09

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6 - ئۆكتەبىر خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى چۈشتى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنىڭ ۋە ئاساسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى سەۋەب بولغان.

    ئامېرىكىدىكى نېفىت- تېخنىكا مۇلازىمەت شىركىتى بولغان باكېرخۇگېس شىركىتى 6 - ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا بويىچە ھەرىكەتتىكى نېفىت قۇدۇقى 748 بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن ئىككىسى ئازايغان.

    6- ئۆكتەبىر ئاخىرقى نېفىت باھاسى جاكارلانغاندا، نويابىردا تاپشۇرۇلىدىغان خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى بىر يېرىم دوللار چۈشۈپ، ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 49.29 دوللار بولغان، چۈشۈش نىسبىتى %3 بولغان. دېكابىردا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنىت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 1.38 دوللار چۈشۈپ، ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 55.62 دوللار بولغان، چۈشۈش نىسبىتى ئوخشاشلا %3 بولىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366674081