سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتقان فۇ چۈنلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-09

    مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز، مەيلى تومۇز ئىسسىق ياكى قەھرىتان سوغۇق بولسۇن، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ شۇ يەردە پەيدا بولدى؛ ئۇ ھەر قەدىمىدە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قىزغىنلىقى بىلەن چېگرادىكى بۇ كىچىك بازارنى ئىللىتتى، ئۇ بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاپ، تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ سۇنۇش ئۈچۈن، دائىم چەت، تاغلىق رايونلاردا ئەھۋال ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ دەل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى فۇ چۈنلى.

    فۇ چۈنلى 9–ئاينىڭ 6–كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنى باشقا ۋەكىللەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى خىجىل بولىمەن. مەن جاھاننى زىلزىلىگە سالغىدەك ئىش قىلالمىدىم، مەملىكەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۇنچە كۆپ شەرەپكىمۇ ئېرىشكىنىم يوق، كەچۈرمىشىممۇ ئادەتتىكىچە، پەقەت پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم، ئەمما تەشكىل ماڭا ناھايىتى يۇقىرى شان–شەرەپ بەردى. مەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلاندىم، ھەربىر سۆز–ھەرىكىتىم پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا خىزمەتلەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمەن.

    پارتىيە ئەزاسى بىر نۇرلۇق چىراغ

    فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: قەيەردە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، قەيەردە، قايسى خىزمەت ئورنىدا بولاي، قايسى خىزمەتنى قىلاي چوقۇم ياخشى ئىشلىشىم كېرەك، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن. بۇ قېتىم پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندىم، بۇنىڭدىن تەشكىلنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن چوقۇم ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ۋە بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىمەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەيمەن.

    فۇ چۈنلىنىڭ كەچۈرمىشى ئادەتتىكىچە، لېكىن ئۇ ھەر بىر خىزمەت ئورنىدا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلغانىدىم، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا خىزمەت قىلدىم، بازارغا كەلگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزلەندىم، ھەممىنى باشتىن باشلىدىم، تەشكىلنىڭ مېنى بازار باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەنلىكى ماڭا ئىشەنگەنلىكى، بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر سىناق ھەم شان–شەرەپ. پارتىيە ئەزاسى نۇرلۇق چىراغتەك باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىشى كېرەك.

    ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى يوق ئايال كادىرغا نىسبەتەن، يېزا–بازار خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، مۇرەككەپ خىزمەت، فۇ چۈنلى تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسى ۋە خىزمەت بېسىمىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى. ئاتا–ئانىسىنىڭ تەربىيەسى ۋە ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە 20 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە فۇ چۈنلىنىڭ ‹‹كومپارتىيە ئەزاسى››غا بولغان چۈشەنچىسى باشقىلارنىڭكىدىن چوڭقۇر بولۇپ، ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئىخلاسمەنلىكى ۋە ئاممىغا بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: مەن ئالدى بىلەن بىر پارتىيە ئەزاسى، شۇڭا باشقىلارغا ئوخشىمايمەن، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر خىزمەتنى باش چۆكۈرۈپ ياخشى ئىشلىشىم كېرەك.

    چاپچال بازىرى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 15 يېزا–بازار ئىچىدە كۆچمە نوپۇس ئەڭ كۆپ، نوپۇس قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ بازار. فۇ چۈنلى 2015–يىلى چاپچال بازىرىغا كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارنى، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى ئۆگىنىپ، پۇقرالارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن–سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىگە تەشۋىق قىلدى. ئۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، ئاممىدىن تەلىم ئېلىپ، ئامما ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇل بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئەلنى مايىل قىلدى.

    ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ‹‹جاكارچىسى›› بولۇش

    فۇ چۈنلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ئون يىلدىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا ‹‹مېنى خەلق سايلىغان، مەن خەلقنىڭ ۋەكىلى›› دېگەن سۆزنى ئېسىدىن چىقارماي، 70 پارچىدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ–تەۋسىيە سۇندى. ئۇ 2008–يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندا: تەشكىل ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، چوقۇم ياخشى نەتىجە يارىتىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى. ئۇ چېگرادىكى چەت، يىراق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن، توختىماي يۇقىرى–تۆۋەن قاتراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا پىكىر–تەكلىپلەرنى سۇندى، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى، چېگرادىكى مەرۋايىت گۈزەل ئىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئىلىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى بولدى.

    فۇ چۈنلى 2016–يىلى ئېچىلغان مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا ‹‹ئۈرۈمچى–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى قۇرۇش›› تەكلىپىنى سۇندى، ئۇنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ 13–بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.

    خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان ‹‹مۇلازىمەتچى›› بولۇش

    يېزا–بازار كادىرلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈككەندىلا، ئامما ئاندىن ئۇلارنى ئۆز كۆرۈپ، كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيتىدۇ، دېدى فۇ چۈنلى.

    2016–يىلى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋېتىش جەڭ يىلى قىلىندى، فۇ چۈنلى چاپچال بازىرىنىڭ باشلىقى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، بازارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ‹‹ئايلىق يۇلتۇز››ىنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 104 نامرات ئاھالىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 41 ئايالنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى. تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھازىر بازاردىكى 624 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

    فۇ چۈنلى بازار كادىرلىرىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز مەيلى قايسى خىزمەتنى قانات يايدۇرسۇن، ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ئەلگە پايدا، نەپ يەتكۈزىدۇ، دېگەن گەپنى ئەڭ كۆپ دەيدۇ. 2016–يىلى چاپچال بازىرى چالۇگە شەرقىي كوچىسى مەھەللىسىدىكى كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغاندا فۇ چۈنلى چېقىش–كۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشى ئۈچۈن، ئۆيى چېقىلىدىغان 128 ئائىلىگە بىرمۇ بىر بېرىپ خىزمەت ئىشلىدى.

    فۇ چۈنلى ئاممىۋى خىزمەتنى دەپ ئائىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، جان–دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا پارتىيە ئەزاسىنىڭ ياڭراق قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366669071