سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-09

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە پىروگرامما ‹‹بۈگۈنكى شىنجاڭغا نەزەر››نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە بىڭتۈەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە پىروگرامما ‹‹بۈگۈنكى شىنجاڭغا نەزەر›› 10–ئاينىڭ 5–كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پىروگراممىنى ۋاقتىدا كۆردى، بۇ پىروگرامما كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. پىروگراممىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، شەخسلەر توغرىسىدىكى ۋەقەلىكلەر، نەق مەيدان ئاخبارات پاكىتلىرى ئارقىلىق يۈكسىلىۋاتقان، تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ھەقىقىي شىنجاڭ تاماشىبىنلارغا نامايان قىلىپ بېرىلگەن. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: بەش يىلنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭلىق بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئىپتىخارلىنىمىز ۋە روھلىنىمىز. بىز جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ھەر ۋاقىت زىممىمىزگە ئېلىپ، كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، قولىمىزدا تۇتۇپ، ھەر تۈرلۈك خىزمىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقىمىز.

    ئەمدىلا 2017–يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹شۈنفېي لوڭقىسى›› 5–نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كەنتكە قايتىپ كەلگەن، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر جاڭ ياشۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈنكى شىنجاڭغا نەزەر››نى كۆرۈپ، مەنمۇ، بالىلارمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك دەرس ئاڭلىغاندەك بولدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، دۆلەت تىلىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، مېھرىم، كۈچۈم بىلەن ياخشى ئۆگىتىپ، ‹‹دۆلەت تىلى ئۆگىنىش، دۆلەت تىلى ئىشلىتىش، ئىتتىپاقلىقتا بەسلىشىش، ئىناقلىقنى مەدھىيەلەش›› ئىدىيەسىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇختا ئاساس سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جايتېرەك يېزىسى تومابېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ پىروگراممىنى كوللېكتىپ كۆرۈشكە تەشكىللىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت ئەيسا مۇنداق دېدى: بىز دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا سوۋغا تەقدىم قىلىمىز! ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بارلىق كەنت ئاھالىسىنى ‹‹بۈگۈنكى شىنجاڭغا نەزەر››نى بىرلىكتە كۆرۈشكە تەشكىللىدى، كۆپچىلىك بەستە–بەستە مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بۇ يۇرتتا ياشىغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەندى ۋە ئىپتىخارلاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش، نازارەت قىلىش 4–كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى رەيھانگۈل ئاسىم مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەر يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىي بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

    ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى دۆڭقىشلاق كەنتى ئاھالىسى قۇربان ئادەك ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى پىروگرامما مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. قۇربان ئادەك گۇما ناھىيەسىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. ئىلگىرى بىزدەك دېھقانلار يەرگە تايىنىپ جان باقاتتى، ھازىر تۈرلۈك تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئىشىك ئالدىمىزدا ئېچىلىۋاتىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، بېيىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى››، دېدى.

    بورتالا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېڭلۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو–ياۋروپا تېز سۈرئەتلىك نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ‹‹بورتالا شەھىرى شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ‹‹پورت + نۆۋەتچى پويىز›› بورتالا شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېز سىرتقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەم تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى بورتالاغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەسىپلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

    شىخۇ شەھىرى توتەي يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى زاۋلىش باۋكېس ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە پىروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ شىخۇ شەھىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ ئىشلىرىدىكى ئۆزگىرىش ئۈستىدە توختىلىپ، مۇخبىرغا: ‹‹ھازىر يېزا–بازارلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ كەسپىي سىنىپتا مۇزىكا، تەنتەربىيە ۋە گۈزەل سەنئەت قاتارلىق دەرسلەرنى ئاڭلىيالايدۇ، مەكتەپ ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاندى؛ مەكتەپلەردە يەنە <قوش تىل>لىق ياش ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيدى، ئوقۇتقۇچىلار دائىم پۇرسەت بولسىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا بارىدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن تېخىمۇ كۆپ دېھقان–چارۋىچى پەرزەنتىنىڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن››، دېدى.

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ چۈن پىروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: 2004–يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن ھازىرغىچە شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىمغا 13 يىل بولدى. شىنجاڭدىكى ئىتتىپاق، ئىناق كەيپىيات، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، شىنجاڭلىقلارنىڭ سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق–يورۇق، كەڭ قورساق خاراكتېرى مېنى بۇ يەردە تۇتۇپ قالدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن ئۈرۈمچى ۋە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم، شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە روھلاندۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366632851