سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-08

    ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قىممىتى مىليون دوللاردىن ئاشتى

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئېكسپورت قىلغان تاۋار 176 مىڭغا، قىممىتى 1 مىليون 222 مىڭ دوللارغا يېتىپ، مىليون دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى 7 – ئايدىن باشلاپ نورمال يۈرۈشكەندىن بۇيان، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان.

    ‹‹بەيشى›› ئەشيا ئوبوروتى پەن – تېخنىكا(شىنجاڭ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانا بولۇپ، ‹‹تىزىملىك بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، جەملەپ مەلۇم قىلىش››تەك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدىن پايدىلانغاچقا، قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا قوبۇل قىلغان ئوردېر 170 مىڭدىن ئاشقان. ‹‹بەيشى›› ئەشيا ئوبوروتى پەن – تېخنىكا(شىنجاڭ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىغا مەسئۇل خادىمى چېڭ گې مۇنداق دېدى: ‹‹چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت تاۋارلىرى يىۋۇدا توپلانغاندىن كېيىن، تۆمۈريول ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە توشۇلىدۇ، نۇقتىدىن نۇقتىغا يىغىپ يۆتكەشتەك تۈجۈپىلىك توشۇشتا تەرتىپ ئاددىيلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ۋە چەت ئەلدىكى مال يەتكۈزۈش مەنبەسى خېرىدارلىرىمىزنى تېخىمۇ ئەلا باھاغا، تېخىمۇ تېز بولغان ۋاقىت ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە بىز ئىمپورت يوللىرىنى ئېچىپ، شىنجاڭدا چېگرا ئامبىرىنى پائال تەسىس قىلىپ، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، كۆپ خىل يوللاردىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مال يەتكۈزىمىز››. ھازىر بۇ شىركەت شىنجاڭدىن ئۆتىدىغان شىنجاڭ – رۇسىيە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس يولىنى ئېچىپتۇ.

    ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى تاۋارلىرىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ‹‹بەيشى›› ئەشيا ئوبوروتى پەن – تېخنىكا(شىنجاڭ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى تەسىس قىلدى، مەخسۇس ئادەم قويۇپ نەق مەيداندا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەرخىل كەسىپلىرىنى بېجىردى، بىر يىلنىڭ ھەممە كۈنىدە 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى پەرداز بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، باتارېيە قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001366649301