سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-08

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى جانلىنىپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشى ياخشى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، 3–كەسىپ ئىچىدە ئالدىدا مېڭىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، مەملىكىتىمىز ساياھەتچىلىكى بىلەن بىللە تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش›› ئىستراتېگىيەسىدىكى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېزلەشتۈردى؛ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ساياھەت تەرەققىياتىدا يېڭى بوشلۇق ئېچىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ‹‹ساياھەت +›› يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ‹‹تولۇق رايون ساياھىتى›› يېڭى ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇشنى يادرو قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلقنى بېيىتىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈش، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىش، ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە سېتىش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۆرۈنەرلىك چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.

    ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى 2010–يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچتىن 12گە كۆپىيىپ، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 نۇقتىلىق ساياھەت رايونى(5A دەرىجىلىك 11 ساياھەت نۇقتىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)نى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش قېتىم–سانى، ئىشىك بېلىتى كىرىمى، ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالىدىن ئىبارەت ئۈچ كۆرسەتكۈچ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23، %27 ۋە %60.86 ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

    شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ئېشىش سۈرئىتى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. ساياھەت كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشكە يۈزلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366632861