سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالدىنقى توققۇز ئايدا دۆلەت 13 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تۈرلىرىگە ياردەم بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-08

    بۇ 2012–يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تۈرلىرىگە مەركەز خامچوتىدىن 13 مىليارد 689 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان، بۇ سان 2012–يىلىدىكى 6 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ سوممىسى جەھەتتە يەنە يېڭى تارىخىي يۇقىرى پەللە يارىتىلغان.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تۇتقا، چوڭ–چوڭ سۇچىلىق تۈرلىرىنى تايانچ، تۈرلۈك مەخسۇس تۈرلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈر ئىلتىماس قىلىش ۋە مەركەز سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتقان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىغا يوللىغان زور بىر تۈركۈم دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تۈرلىرى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن.

    ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، مەركەز خامچوتىدىن سۇچىلىق تۈرلىرىدە 11 مىليارد 400 مىليون يۈەن، چارۋىچىلىق تۈرلىرىدە 1 مىليارد 541 مىليون يۈەن، ئورمانچىلىق تۈرلىرىدە 419 مىليون يۈەن، دېھقانچىلىق تۈرلىرىدە 329 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشكەن. بولۇپمۇ، چوڭ–چوڭ سۇچىلىق تۈرلىرىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشقان، سۇچىلىق تۈرلىرىگە ئاجرىتىلغان مەركەز مەبلىغى 2012 – يىلىدىكىگە قارىغاندا 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن ساپ ئاشقان.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ تۈر مەبلەغلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ سۇ ئىچىش، گاز ئىشلىتىش، تۇرالغۇ قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، يىللىق يېزا ئىگىلىك تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداشقا پۇختا ئۇل سېلىپ بەردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366632831