سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدا كارخانىلاردا كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلار كەسىپ–تېخنىكا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-06

   ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتناشقان، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى 36 ئاي(36 ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ دەسلەپكى دەرىجىلىك(5 – دەرىجىلىك)، ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4 – دەرىجىلىك) ۋە ئالىي دەرىجىلىك (3 – دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلار كەسىپ تېخنىكا ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

    دەسلەپكى دەرىجىلىك (5 – دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە 1000 يۈەن؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4 – دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە 1500 يۈەن؛ ئالىي دەرىجىلىك (3 – دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە 2000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدىكەن.

    ئۇقۇشىمچە، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر گۇۋاھنامە تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسىپ – تېخنىكا ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئوخشاش كەسىپ (ئىش تۈرى) ۋە ئوخشاش دەرىجىدىكى ياردەم پۇلىغا پەقەت بىرلا قېتىم ئىلتىماس قىلىشقا، ئۇنىڭدىن بىرلا قېتىم بەھرىلىنىشكە بولىدىكەن. ياردەم پۇلى ئېلىش ئىلتىماسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ياردەم پۇلى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياكى بانكا كارتىسىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدىكەن.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001366617831