سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەۋەر ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنىڭ تۈزۈملىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىسلاھات ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-06

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان جاڭ كېجىڭ 9–ئاينىڭ 29 –كۈنى كېسەلخانىدىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىردى. بەش ئاي ئىلگىرى كېسەلخانىدا ياتقان ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققى 2000 يۈەنگە يېقىن ئازايغانىدى.

    ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى سائەت 22:00دە‹‹دورا باھاسىغا باھا قوشماسلىق ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش ئىسلاھاتى›› سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتىدىكى دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش – داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹ئالتە تۈزۈم››نىڭ بىر مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. جاڭ كېجىڭ بۇ قېتىم دەل مۇشۇ سىياسەتنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

    ‹‹ئائىلە دوختۇرى›› كېلىشىملىك مۇلازىمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق داۋالىنىش ئىسلاھاتى خىزمىتىدىكى مۇھىم تۇتقا. 2015–يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئائىلە دوختۇرى›› كېلىشىملىك مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق كېسەل(يۇقىرى قان بېسىم، قەنت كېسىلى، تۇبېركۇليۇز، ئېغىر روھىي توسالغۇلۇق قاتارلىقلار)لەر ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى(65 ياشتىن ئاشقانلار، ھامىلدارلار، بالىلار، مېيىپلەر قاتارلىقلار)نى ئالدىن قاپلىدى. ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 مىليون 870 مىڭ 200 كىشىنىڭ ‹‹ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى›› بار بولدى، كېلىشىم نىسبىتى %61.09كە يەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل ‹‹ئائىلە دوختۇرى›› كېلىشىملىك مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، كېلىشىم نىسبىتى %70تىن ئاشۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى قاپلاش نىسبىتى %80كە يەتكۈزۈلىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، داۋالاشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىمۇ ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى؛ ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى تولۇق قاپلىدى ھەم ئىككىنچى نۆۋەت يولغا قويۇلدى، نامراتلارنى ساغلاملىق جەھەتتە يۆلەش قۇرۇلۇشى ئېغىر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋە نامرات ئېغىر ئاغرىقلارغا بەخت ئېلىپ كەلدى، ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا باھاسىغا باھا قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى... داۋالاشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹ساغلاملىق يولى›› ھازىرلاپ بەردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر يىن يۈلىن مۇنداق دېدى: داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنىڭ تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بۇ داۋالىنىش ئىسلاھاتى سىياسەتلىرى خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي مەنپەئەتكە، تېببىي خادىملارنى مەدەتكە، سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001366617791