سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا ياسالغان تۇنجى مېترو پويىزى پۈتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-06

    شىنجاڭدا ياسالغان تۇنجى مېترو پويىزى − «يىپەك يولى» 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى جۇڭچې رېلىسلىق قاتناش جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىدە ياساپ پۈتكۈزۈلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ رېلىسلىق قاتناش جابدۇقلىرى كەسپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىم ياسالغىنى A تىپلىق پويىز بولۇپ، بىر گۇرۇپپا پويىز ئالتە ۋاگوندىن تەشكىللىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 80 كىلومېتىرغا، ھەر بىر گۇرۇپپا پويىزنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىرغا يېتىدۇ، پويىزنىڭ ئېگىزلىكى 3.8 مېتىر، ۋاگوننىڭ ساپ ئېگىزلىكى 2.1 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 2600دىن ئارتۇق يولۇچىنى سىغدۇرالايدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366600971