سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قاتناش چوڭ قۇرۇلۇشلىرى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-06

    بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە 124 مىڭ (قېتىم) يېزا ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىلدى

    9- ئاينىڭ 28- كۈنى G3012 لىنىيەسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، يەكەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ قوشئۆستەڭ كەنتىدىن كەلگەن ياسىن ئابلىز يولغا قاراماي يېيىتقاچ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېيىغا 4500 يۈەن مائاش ئالىمەن، بۇ، يەر تېرىغان كىرىمىمدىن خېلىلا كۆپ، بۇ ئىشنى داۋاملىق قىلايمىكىن دەيمەن، پۇرسەت بولسا كەنتتىكىلەرنىمۇ باشلاپ كېلىپ، بىللە ئىشلەيمەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى قاتناش قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرلىرىدە 9- ئاينىڭ 20- كۈنىگە قەدەر 124 مىڭ(قېتىم) يېزا ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تۈرلەردە ئىشلىتىلگەن شىنجاڭلىق ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى %92.7كە يېتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، باي بولۇشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

    يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت. ئاپتونوم رايون بۇ يىل 5- ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى شەھەر- يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە «باھالاش، باشقۇرۇش چارىسى» نى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، 2017- يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان تاشيول تۈرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي ئىشچىنىڭ  %70 ىدىن، ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىگە شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشنى، 2017- يىلى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە %50تىن كۆپرەك ئادەتتىكى ئىشچىغا شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

    بۇ يىلقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرى 4347، ئومۇمىي سېلىنما 821 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى، چوڭ قۇرۇلۇش دولقۇنى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇپ، شىنجاڭ تاشيول ئاسراش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان سانائەت ئىشچىلىرى ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز ھەم قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىن يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مائاشىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ تەلەپ قىلىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366600361