سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھاۋا قاتنىشى تورىنى زىچلاشتۇردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-06

    يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قالغان بولۇپ، يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار، چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20- پۇقرالار ئايرودۇرۇمى بولۇپ قالىدۇ.

    2017- يىلى شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى: 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىدىن ئۇچقان ۋە ئايروپورتقا قونغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 557 (قېتىم)گە يېتىپ، يەككە ئۇچۇش- قونۇش يولىدا ئۇچۇش- قونۇش رېكورتى يارىتىلدى؛ «بوئېئىڭ- 787» بەلگىلىك ئايروپىلان تۇنجى قېتىم غەربىي شىمال رايونىغا ماكانلىشىپ، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ھاۋا يولىدا ئۇچۇپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلدىكى بېسىمنى پەسەيتىدىغان ئاساسىي ئايروپىلان تىپىغا ئايلاندى...

    ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چىقىرىپ، «ئوبوروت راۋانلاشقان، سەپەر قىلىش قولايلىق بولغان» يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

    توشۇش كۈچى ئېشىپ، تۈگۈن ئايرودۇرۇملىرى كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتى

    ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، 2020- يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش پىلانلاندى.

    ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى يىگاڭ مۇنداق دېدى: ئۇچۇش رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرى 2030- يىلىغا بارغاندا يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 63 مىليون ئادەم (قېتىم)گە، يۈك- پوسۇلكا توشۇش مىقدارىنى 750 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش نىشانى بويىچە بىر قېتىمدىلا پۈتكۈزۈلىدۇ، ئايروپورت رايونى 2025- يىلىغا بارغاندا يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 48 مىليون ئادەم (قېتىم)گە، مال- پوسۇلكا توشۇش مىقدارىنى 550 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش نىشانى بويىچە پۈتكۈزۈلىدۇ.

    ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا يولۇچى توشۇش مىقدارىدا رېكورت يارىتىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىليون 80 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.65 ئېشىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى يېرىم يىلدىلا 10 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىشتەك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 2011- يىلىدىن بۇيان يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا 10 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

    جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ CZ6875- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى يەكەن ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ شىنجاڭدىكى 19- پۇقرالار تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. يەكەن ئايرودۇرۇمى ۋەكىللىكىدە، بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، شىخەنزە، كۆكتوقاي، يەكەن ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشلىرى ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چاقىلىق، تۇمشۇق ئايرودۇرۇملىرىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئايرودۇرۇم زىچلىقى «12- بەش يىل»نىڭ بېشىدىكى ھەر 100مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردا 0.96 بولۇشتىن ھازىرقى 1.27گە كۆپىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولۇچى توشۇش مىقدارى مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشىدىغان ئايرودۇرۇم تۆت (قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا)كە يەتتى.

    بەش يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچىنى يادرو قىلغان، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان ھاۋا يولى تورى سىستېمىسىنى، جايلىشىشى مۇۋاپىق بولغان ئايرودۇرۇم تورى سىستېمىسىنى، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان مۇلازىمەت- كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

    تەسىر كۈچى زورىيىپ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلەتتى

    نۇقتىلارنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن لىنىيە، لىنىيەلەرنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن دائىرە شەكىللەندى. ھەر بىر ئايرودۇرۇم، ھەر بىر ھاۋا يولى، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تورى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

    چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1200 كىلومېتىر، كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 700 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەڭ يىراق ناھىيە بازىرىنىڭ بىرى. چەرچەن ئايرودۇرۇمىدا 2016- يىل 12- ئاينىڭ 19- كۈنى قاتناش باشلانغاندىن باشلاپ، 2017- يىل 9- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە 482 نۆۋەتچى(قېتىم) ئايروپىلان ئۇچۇپ ۋە قونۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 34 مىڭ 451 ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، ئايروپىلان ئورۇندۇقىنىڭ ئوتتۇرىچە توشۇش نىسبىتى %83.4كە يەتتى.

    چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خې خەي مۇنداق دېدى: ئايرودۇرۇمنى چەرچەن ناھىيەسىگە نىسبەتەن بىر ئىقتىساد لىنىيەسى دېيىشكە بولىدۇ. ھاۋا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، چەرچەن- كورلا، چەرچەن- ئۈرۈمچى لىنىيەلىرىنىڭ بېلىتى ناھايىتى قىس بولدى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ تىرانسپورت ئايروپورتى − قەشقەر ئايروپورتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى كەسپى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تۇتقا بولۇپ قالدى. 2017- يىلى 8- ئايدا قەشقەر ئايروپورتىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 3.1335 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.3 ئاشتى.

    تېخىمۇ مۇھىمى، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان ھاۋا يولى يەنە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا قانات بولدى. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2014- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى قاتناش باشلىغاندىن بۇ يىل 8- ئايغىچە 21 شەھەر بىلەن ھاۋا قاتنىشى لىنىيەسى ئېچىپ، «بوئېئىڭ 737- 800» بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن ئوننى يولۇچى تىرانسپورتىغا سېلىپ، جەمئىي 57 مىڭ سائەت بىخەتەر ئۇچۇپ، 3 مىليون 600 مىڭ يولۇچىنى بىخەتەر توشۇدى.

    تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىرانسپورت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئۇچۇشقا ماسلىشىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىقتىدارى، ھاۋا قاتنىشىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى.

    شىنجاڭ رايونىنىڭ بوشلۇقىنى سەرخىللاشتۇرۇش لايىھەسى 2016- يىل 6- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى بوشلۇق بايلىقىنى تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ. سەرخىللاشتۇرۇش لايىھەسى يېڭىدىن ئېچىلغان 2880 كىلومېتىر ھاۋا يولىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، لايىھە بويىچە 1130 كىلومېتىر ھاۋا يولى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 570 كىلومېتىر ۋاقىتلىق ھاۋا يولى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، 530 كىلومېتىر مۇقىم ھاۋا يولى ۋاقىتلىق ھاۋا يولىغا ئۆزگەرتىلدى، 3000 نەچچە كىلومېتىرلىق ھاۋا يولى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. بوشلۇقنى سەرخىللاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ رايونىدىكى شىنجاڭدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئۇچىدىغان تەخمىنەن %70 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئاخىرقى نۇقتا رايونىدىكى ئۇچۇش باسقۇچىدا ئايرودۇرۇمغا كىرىشى ۋە چىقىشى ئايرىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپ، بوشلۇق سىغىمى ئاشۇرۇلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى ھاۋا يولى باسقۇچىدا يەككە يۆنىلىشلىك ئۇچۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، كېيىن بوشلۇقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ زور ئۆلچەمدە سەرخىللاشتۇرۇشقا ئاساس سېلىندى.

    4- ئاينىڭ 20- كۈنى شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU5633- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قونۇشى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ «بوئېئىڭ» ۋە HUD ئايروبۇس تىپى ئالاھىدە تەستىقلىغان II تۈردىكى تېخنىكىغا ئىگە ئايروپورتقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

    8- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ADS-BA ئۇچۇشنى تىزگىنلەشنى رەسمىي يولغا قويغان رايون بولۇپ قالدى.

    دۆلەت پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى يېقىندا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى «ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش» ئومۇمىي لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي ئايرودۇرۇملىرىغا تىرەك بولىدىغان ئايرودۇرۇم توپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈگۈننىڭ يىغىش- تارقىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ھاۋا يولى تورى تېز سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئايرودۇرۇملارنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كەينى- كەينىدىن تەرەققىيات رېكورتى يارىتىلدى، بۇ، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى يىپيېڭى تەرەققىيات يۈكسەكلىكىگە باشلاپ كىردى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366581061