سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-04

    پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باھا، ياردەم پۇلى، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش ۋە يېتەكلەشكە ئېرىشىپ، شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى كېڭەيتىلدى.

    تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ «شىمالدىكى پار بىلەن ئىسسىنىش رايونلىرىنىڭ شەھەر- بازارلىرىنى پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقىتىپ، شىمالدىكى ئىسسىنىش رايونلىرىغا پاكىز پار بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇردى.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىمالدىكى ئىسسىنىش رايونلىرىنىڭ شەھەر- بازارلىرىنى پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» ئاساسىي تەلىپى بويىچە، جايلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئاممىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەھۋالى قاتارلىق شارائىتلارغا ئاساسەن، پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى ئىلمىي تاللىشى، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار بىلەن تەمىنلەشنى پاكىزلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەبىئىي گاز ۋە توكتىن پايدىلىنىپ پار بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايونلاردا ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەدىن ئالدىن پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسسىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايونلاردا ئابۇنىچىلار ئېلېكتىرلىك ئىسسىتىش تېرمىنالىدىن پايدىلىنىپ پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر خىل ئىسسىقلىق پومپىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرلىك پار قازان قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، توكتىن پايدىلىنىپ پار بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توكتىن پايدىلىنىپ پار بىلەن تەمىنلەش- ئىسسىقلىق ساقلاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن پار بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىمالدىكى رايونلارنىڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ پار بىلەن تەمىنلەشنى شەھەر- يېزا ئېنېرگىيە پىلانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە بىلەن ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ماسلاشقان كۆپ مەنبەلىك، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ۋە پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر- بازار، مەھەللە ۋە يېزىلارنى پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىيوماسسىلىق شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن يېقىلغۇ پار قازان قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىق ئەۋزەللىكى روشەن، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 76 مىليون 910 مىڭ كىلوۋاتقا، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 26 مىليون 670 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىرى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 17 مىليون 750 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ %23.1ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى؛ فوتوۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 8 مىليون 926 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ %11.6ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پىكىر» ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەرەققىيات يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايون «پىكىر»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، 2016- يىلى ئەمەلگە ئاشۇرغان 2 مىليون 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش تۈرى ئاساسىدا، شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ، شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى بايقاپ، پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قوللاش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى نۇقتىلىق قوللايدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، باھا، ياردەم پۇلى، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ ھەم يېتەكلەپ، شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى داڭلىق ماركىلىق قۇرۇلۇشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366581051