سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن گوۋۇيۈەن دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-02

شى جىنپىڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

لى كېچياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى، جاڭ گاۋلى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 30–كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن 9–ئاينىڭ 30–كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 1200 دىن كۆپرەك جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك زات بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، مېھمانلار بىريەرگە جەم بولۇپ، قاينام–تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، ‹‹1949–2017›› دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ شولىسىدا روشەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.

 سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە ‹‹مەرھابا كۈيى››گە ئەگىشىپ، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

 كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر ‹‹پىدائىيلار مارشى››نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى(تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلىدۇ). ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان خەلقئارادىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

 لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 68 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەيۋەتلىك سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى پۈتتى.پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىرقى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ۋە زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

 لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات–تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدۇق، سۈپەت، ئۈنۈم زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شەھەر–بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق ئاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خېيىم–خەتەرلەر بىر قەدەر ياخشى تىزگىنلەندى ۋە كونترول قىلىندى. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېز سەرخىللاشتى، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق پەسەيتىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېڭى ئېنېرگىيە يېتىلىپ زورىيىپ، گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بىز جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلدۇق. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدۇق، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە قانۇن بويىچە تۇنجى قېتىم ماسلىشىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بىز تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹بىر بەلباغ ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان گۈزەل ئىستىقبال ئاچتۇق.

 لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىز بىزنى چەكسىز پەخىرلەندۈرىدۇ، ئۇلۇغۋار نىشان مىليونلىغان ئاممىنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھام بېرىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ۋە خەۋپ–خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى يۈكسەلدۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت–سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنى پۇختا، دەل جايىدا تېزلىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلق مەنپەئىتى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسى غەم قىلىدىغان، ئاممىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى تېخىمۇ ئازايتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

 لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىش، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىمىز. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ‹‹92–يىل ئورتاق قارىشى›› سىياسىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيمىز. مۇستەقىل ئۆز–ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمىز؛ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش قارىشىغا ئاساسەن، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىمىز.

 لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: پات يېقىندا ئېچىلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش تارىخىي مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى!

 شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار قەدەھ كۆتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان–ئېسەن ۋە ساغلام بولۇشى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، ئىلگىرى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەزاسى بولغان يولداشلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

 مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىغا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە–گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ‹‹1–ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مىللىي رايونلارنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل زاتلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بىرقىسم زاتلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ زاتلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر قىسىم چەت ئەللىك مېھمانلار، خەلقئارادىكى داڭلىق زاتلار، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، بىرقىسم چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001366543651