سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى «بېرىش-كېلىش تۆمۈريول لىنىيەسى» دە يېڭى شەكىلدىكى ئوقپويىز ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-30

 تېخنىك خادىملار يېڭى تىپتىكى CRH6A ئوقپويىزنى سىناق ھەيدىمەكتە.

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىككى گۇرۇپپا CRH6A تىپلىق يېڭى شەكىلدىكى ئوقپويىز 28-سېنتەبىر شاڭخەي ئالتۇن تاغ تۆمۈريول لىنىيەسىدە رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭى شەكىلدىكى ئوقپويىزدا بىر قېتىمدا توشۇلىدىغان يولۇچى 1500 قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ پويىز ئەسلىدە بار بولغانCRH2 تىپلىق 600 كىشىلىك ئوقپويىزغا قارىغاندا توشۇش ئىقتىدارى ياخشىلانغان بىر خىل تىپ ھېسابلىنىدۇ. 2012-يىلى 28-سېنتەبىر قاتناش باشلانغان شاڭخەي ئالتۇن تاغ تۆمۈريول لىنىيەسى مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى ئاممىۋىلاشقان تىرانسپورت ئوقپويىز گۇرۇپپىسىنىڭ شەھەر تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 56 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ لىنىيەنىڭ شەھەر-يېزىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە شەھەر تەرەققىياتىدىكى ئاكتىپ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.    

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366507231